Uyghurئاساسىي لۇغەت
ھۆپىگەرلەر
دۇنيا تارىخى
چاۋشيەندە مالنى بۇغچىلاپ ساتىدىغان سودىگەرلەر بىلەن يۈدۈپ ساتىدىغان سودىگەرلەرنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى. بوغچىلاپ ساتىدىغان سودىگەرلەر رەخت، تاۋار، پەرداز بۇيۇملىرى، ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرى قاتارلىق ماللارنى بوغچىغا تۈگۈپ جايلارغا توشۇپ ساتىدۇ، يۈدۈپ ساتىدىغان سودىگەرلەر چىنە - قاچىلار، تۇز، تاماكا، دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى يۈدۈپ جايلارغا توشۇپ ساتىدۇ. بۇلاڭچىلىق قاتارلىق بالايىئاپەتتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇلار كەسىپداشلار ئۇيۇشمىسى تەشكىللەپ، ئىتتىپاقلىق تۈزۈمىنى نامايەن قىلغان. كەسىپداشلار ئۇيۇشمىسى بەزى سىياسىي پائالىيەتلەرگە قاتناشقان. مەسىلەن <بىڭزى توپىلىڭى> دا مۇھاسىرىگە ئېلىنغان تاغلىق شەھەر نەنخەنگە ھەربىي بۇيۇملار ۋە ئاشلىق توشۇش، 1886 - يىلى فرانسىيە فلوتىنىڭ تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇش قاتارلىق ئىشلاردا زور كۈچ چىقارغان. لېكىن بۇ كەسىپداشلار ئۇيۇشمىسى بەزىدە ئەكسىيەتچى كۈچلەر تەرىپىدىن پايدىلىنىپ كېتىلگەن. مەسىلەن، قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن شەرقچىلەرنى قىرىشقا، مۇستەقىللىك جەمئىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئوخشاش ئىشلارغا قاتناشقان. ھازىرقى زامان سودا، قاتناش ئىشلىرىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، ھۆپىگەرلەر ۋە ئۇنىڭ كەسىپداشلار ئۇيۇشمىسى بارا - بارا يوقىلىپ كەتكەن.