Uyghurئاساسىي لۇغەت
ھودۇقماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئالدىراپ - ئاسىقىپ كەتمەك، بىرەر تەسىردىن قاتتىق بىئارام بولماق.
ئاتاڭ ئۆلگەندە، قىزىڭ ياتلىق بولغاندا ھۇدۇقماق. ئىت ھودۇقسا تامغا سەكرەر. ئالاقزادە بولغاندىن ئامال قاچىدۇ. ساراسىمە بولساڭ، ئەقىل قاچىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
نېمە قىلىشنى بىلمەي ساراسىمىمگە چۈشمەك؛ تەمتىرىمەك، گاڭگىرىماق .
ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ ، ئۆزىدىن بىر قەمدەملا نېرىدا كۈلۈمسىرەپ تۇرغان رەھمەت مۇئەللىمنى كۆرگەندە، نېمە ئۈچۈندۈر ھودۇقۇپ كەتتى .