Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ھېنرىخ
دائىرە: دۇنيا تارىخى亨利六世
hēng lì liù shì
(1165 - 1197) گېرمانىيە كورۇلى (1169 - 1197)، مۇقەددەس رىمنىڭ ئىمپېراتورى (1190 - 1197، 1191 - يىلى تاج كىيدۈرۈلگەن). فرىدرىخ Ⅰ (قىزىل ساقال) نىڭ ئوغلى. 1186 - يىلى سىتسىلىيە مەلىكىسى، ۋەلىئەھد كونستانىس (1152 - 1198) بىلەن تۇرمۇش قۇرغان. 1189 - يىلى سىتسىلىيە كورۇلى گۇگېلىم Ⅱ (1153 - 1189) ئۆلۈپ، يەرلىك ئاقسۆڭەكلەر تانكرېد (؟ - 1194) نى كورۇل قىلغان. ھېنرىخ 1191 - ۋە 1194 - يىللىرى ئىككى نۆۋەت جەنۇبىي ئىتالىيىگە ئەسكەر كىرگۈزگەن، كېيىنكى قېتىملىق سىتسىلىيىنىڭ پادىشاھلىق تەختىنى قوغا كىرگۈزۈۋالغان. ئەنگلىيە كورۇلى رىچارد (شىر يۈرەك) نى مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىگە بېقىندى بولۇشقا مەجبور قىلىشقا ئۇرۇنغان.
دائىرە: دۇنيا تارىخى亨利七世
hēng lì qī shì
(1) ھېنرىخ Ⅶ (تەخمىنەن 1275 - 1313) گېرمانىيە كورۇلى (1308 - 1313)، مۇقەددەس رىمنىڭ ئىمپېراتورى (1308 - 1313، 1312 - يىلى تاج كىيدۈرۈلگەن). ئەسلىدە ليۇكسىمبۇرگنىڭ گرافى. تەختكە چىققاندىن كېيىن، ليۇكسىمبۇرگ خاندانلىقىنى بەرپا قىلغان. 1310 - يىلى، قوشۇۋالغان چېخىيە پادىشاھلىق تەختىنى ئوغلى جون (ليۇكسىمبۇرلىق) غا ئۆتۈنۈپ بەرگەن. شۇ يىلى ئىتالىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ، پاپا كىلىمېنت Ⅴ ۋە نېئاپول كورۇلىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ، مەغلۇپ بولغان. ئۆزىمۇ ئىتالىيىنىڭ سېنا ئەتراپىدا ئۆلگەن. (2) ھىنرىي Ⅶ (1457 - 1509). ئەنگلىيە كورۇلى (1485 - 1509). ئادەتتە ھېنرىي تۇدور دەپ ئاتىلىدۇ. رېچمۇند گرافى ئېدمۇند تۇدور (تەخمىنەن 1430 - 1456) نىڭ ئوغلى، لانكاستېر جەمەتىنىڭ يىراق تۇغقىنى. ئەتىرگنل ئۇرۇشى (1455 - 1485) داۋامىدا لانكاستېر جەمەتىنى قوللاپ، يورك جەمەتىگە قارشى تۇرغان. 1485 - يىلى 8 - ئاينىڭ 22 - كۈنى بوسۋارت دالاسى (ھازىرقى ئەنگلىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمى) دا، ئەنگلىيە كورۇلى رىچارد Ⅲ نى مەغلۇپ قىلىپ ۋە ئۇنى ئۆلتۈرۈپ، پادىشاھلىق تەختىنى تارتىۋېلىپ، ئۆزىنى ھېنرىي Ⅶ دەپ ئاتاپ تۇدور خاندانلىقىنى بەرپا قىلغان. تەختتىكى مەزگىلىدە، ئاقسۆڭەكلەرنىڭ خۇسۇسىي قوراللىق كۈچىنى تارقىتىۋەتكەن، قەلئەلىرىنى بۇزۇپ تۈپتۈز قىلىۋەتكەن. يۇلتۇرز سوت مەھكىمىسىنى تەسىس قىلىپ، بويسۇنمىغان چوڭ ئاقسۆڭەكلەرنى جازالىغان؛ سودا - سانائەت ۋە دېڭىزچىلىق ئىشلىرىنى مۇكاپاتلاپ، تاشقى سودىنى راۋاجلاندۇرغان. مەملىكەت ئىچىدە قىممەت مېتال بۇيۇملىرىنى ئېكسپورت قىلىشنى مەنئى قىلغان. مەملىكەت ئىچىدە كاپىتالىستىك ئامىللارنىڭ ئۆسۈپ - يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن؛ كورۇل جەمەتىنىڭ ئورنىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئۇنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئىسپانىيە، فرانسىيە، شوتلاندىيە، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پادىشاھ جەمەتلىرى بىلەن قۇدا چۈشۈشكەن.
دائىرە: دۇنيا تارىخى亨利五世
hēng lì wǔ shì
(1) ھېنرىخ Ⅴ (1081 - 1125) گېرمانىيە كورۇلى (1106 - 1125)، مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى (1106 - 1125؛ 1111 - يىلى تاج كىيدۈرۈلگەن). ھېنرىخ Ⅳ نىڭ ئوغلى. دەسلەپ پاپا پاسكال Ⅱ (1099 - 1118 - يىللىرى تەختتە بولغان) بىلەن بىرلىشىپ ئاتىسى كورۇلغا قارشى تۇرغان. تەختكە چىققاندىن كېيىن، پاپا بىلەن ئېپىسكوپلۇققا قويۇش ھوقۇقىنى تالىشىپ، 1111 - يىلى ئىتالىيىگە باستۇرۇپ كىرىپ، بىر مەھەل پاسكال Ⅱ نى بويسۇندۇرۇۋالغان. 2211 - يىلى يېڭى پاپا كالىكىستۇس Ⅱ (1119 - 1124 - يىللىرى تەختتە بولغان) بىلەن <ۋۇرمىس دىنىي كېلىشىمى> تۈزگەن، شۇنىڭ بىلەن پاپا ئىمپېراتور ئارىسىدىكى ئىپىسكوپلۇققا قويۇش ھوقۇقىنى تالىشىش توغرىسىدىكى جېدەل - ماجىرا ۋاقىتلىق مۇرەسسە قىلىش بىلەن ئاياغلاشقان. ئىچكى جەھەتتە بېقىندى - چاكارلىرى بىلەن شەھەر ئاھالىسىگە تايىنىپ ئىمپېراتورلۇق ھوقۇقىنى كۈچەيتىپ، كىنەز - بەگلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. (2) ھىنرىي Ⅴ (1387 - 1422). ئەنگلىيە لانكاستېر خاندانلىقىنىڭ كورۇلى (1413 - 1422). ئەنگلىيە كورۇلى ھىنرىي Ⅳ نىڭ چوڭ ئوغلى. دەسلەپ ئاتىسىغا ياردەملىشىپ، چوڭ ئاقسۆڭەكلەرنىڭ توپىلىڭىنى بېسىقتۇرغان. تەختكە چىققاندىن كېيىن ھۆكۈمرانلىقنى كۈچەيتىپ، 1414 - يىلدىكى لولارد مەزھىپى قوزغىلىڭىنى باستۇرغان. 1415 - يىلى 8 - ئايدا، فرانسىيىدىكى ئورلېئان گرېتسوگى بىلەن بورگوندىيە گرېتسوگى گۇرۇھى ئوتتۇرىسىدىكى ئىچكى ماجىرادىن پايدىلىنىپ، قوشۇن باشلاپ فرانسىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، 100 يىللىق ئۇرۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. 10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئازېنكۇر جېڭىدە، فرانسىيە ئارمىيىسىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلغان. ئارقىدىنلا جەنۇبقا قاراپ ئىلگىرىلەپ پارىژ ۋە لۇئار دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى كەڭ رايوننى ئىگىلىۋالغان. 1420 - يىلى 5 - ئايدا فرانسىيىنى <تروۋا شەرتنامىسى> نى قوبۇل قىلىشقا مەجبور قىلىپ، فرانسىيە كورۇللۇق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇۋالغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.