Uyghurئاساسىي لۇغەت
ھىندىستان مۇستەقىللىك ئىتتىپاقى
دۇنيا تارىخى
ھىندىستان خەلق كونگرېسى پارتىيىسى ئىچىدىكى بىر گۇرۇھ. 1928 - يىلى 11 - ئايدا خەلق كونگرېسى پارتىيىسى ئىچىدىكى رادىكاللار نېھرۇنىڭ دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھىندىستانغا پەقەت دومىنىئونلۇق ئورنى بېرىش تەلىپىگە قانائەتلەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، دېھلىدا ھىندىستان مۇستەقىللىك ئىتتىپاقىنى قۇرغان. ج. پ. نېھرۇ ۋە س. چ. بوس ئىتتىپاقىنىڭ رەھبەرلىرى بولغان. ئۇنىڭ پروگراممىسى، ھىندىستاننىڭ تولۇق مۇستەقىللىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ھەمدە ھىندىستان جەمئىيىتىنى ئىجتىمائىي باراۋەرلىك، ئىقتىسادىي باراۋەرلىك ئاساسىدا باشقىدىن قۇرۇشتىن ئىبارەت. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىتتىپاقنىڭ تەشكىلىي جەھەتتە خەلق كونگرېسى پارتىيىسدىن ئايرىلمايدىغانلىقىنى، بەلكى خەلق كونگرېسى پارتىيىسى ئارقىلىق ھىندىستاننىڭ تولۇق مۇستەقىللىكىنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن.