Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ھىندىستاندىكى 1946 - يىلىدىكى دېڭىز ئارمىيە قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
印度一九四六年海军起义
yìn dù yī jiǔ sì liù nián hǎi jūn qǐ yì
ھىندىستان ماتروسلىرىنىڭ ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك زۇلمىغا قارشى كۈرىشى. 1946 - يىلى 2 - ئايدا، بومباي دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ <تاۋار> ناملىق پاراخوتىدىكى ھىندىستان ماتروسلىرىنىڭ تاماقنى ياخشىلاپ بېرىش، ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش تەلىپى ئەنگلىيە ئوفىتسېرلىرىنىڭ ھاقارەتلىشىگە ئۇچراپ، ھىندىستان ماتروسلىرىنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان. 2 - ئاينىڭ 18 - كۈنى گازارمىدا ھەربىي تەلىم ئېلىۋاتقان ھىندىستانلىق ئەسكەرلەر بىرىنچى بولۇپ قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن، بۇنىڭدا <تاۋار> ناملىق پاراخوتتىكى ھەممە ماتروسلار دەرھال قاتناشقان. 2 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، بومباي پورتىدا توختىغان 20 ھەربىي پاراخوتتىكى 20 مىڭ نەپەر ھىندىستانلىق ماتروس بۇ قوزغىلاڭغا ئاۋاز قوشقان ھەمدە شەھەر رايونىدا نامايىش قىلغان. قوزغىلاڭچىلار سايلام ئارقىلىق دېڭىز ئارمىيىسى مەركىزىي ئىش تاشلاش ھەيئىتى قۇرۇپ، ئەنگلىيە مۇستەملىكىچى دائىرىلىرىدىن ئىرقىي كەمسىتىشنى چەكلەشنى، ھىندىستانلىق ئەسكەرلەرگە تەڭ باراۋەرلىك ھوقۇقى بېرىشنى، ئەنگلىيىلىك ئوفىتسېرلارنىڭ ئورنىغا ھىندىستانلىق ئوفىتسېرلارنى قويۇشنى تەلەپ قىلغان. ئۇنىڭدىن كېيىن كاراچى (بۈگۈنكى پاكىستاندا)، كالكۇتتا قاتارلىق پورتلاردىك ھىندىستانلىق ماتروسلارمۇ قوزغىلاڭغا قاتناشقان. بومبايدا 200 مىڭ ئىشچى ئىش تاشلاپ بومبايدىكى قوزغىلاڭچى ماتروسلارغا مەدەت بەرگەن. 2 - ئاينىڭ 21 - 23 - كۈنلىرى ئەنگلىيە مۇستەملىكىچى دائىرىلىرى بومباي ماتروسلىرى ۋە شەھەر ئاھالىسىنى رەھىمسىزلەرچە باستۇرغان. خەلق كونگرېسى پارتىيىسى بىلەن مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى قوزغىلاڭغا قارشى تۇرغانلىقتىن، مەركىزىي ئىش تاشلاش ھەيئىتى 2 - ئاينىڭ 23 ـ كۈنى پۇقرالارغا مۇراجىئەتنامە چىقىرىپ، كۈرەشنى توختىتىشنى قارار قىلغان. شۇنىڭ بىلەن قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغان.