Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ھىندى دىنى قۇرۇلتىيى
دۇنيا تارىخى
印度教会
yìn dù jiào huì
ھىندىستاندىكى ھىندى دىنى سىياسىي - دىنىي تەشكىلاتى. 1906 - يىلى (يەنە بىر ئېيتىلىشچە 1900 - يىلى) ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن كالكۇنتىدا قۇرۇلغان. تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى ئاساسلىقى چوڭ پومېشچىك، چوڭ سودىگەر، فېئودال ئاقسۆڭەكلەر ۋە ھىندى دىنىنىڭ دىنىي مۆتىۋەرلىرى بولۇپ، مەقسىتى ھىندى دىنىنىڭ ئەنئەنىلىرىنى ساقلاپ، ھىندى دىنىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قوغداشتىن ئىبارەت. بۇ تەشكىلات ھىندى دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەرنىڭ ئىستىقبالى ھىندى دىنى تەشكىلاتى، ھىندى دىنى دۆلىتى، مۇسۇلمانلارنى ھىندى دىنىغا كىرگۈزۈش، ئافغانىستان ۋە ئەتراپ رايونلرنى بويسۇندۇرۇپ ئۇ يەرلەرنى ھىندى دىنىغا كىرگۈزۈشتىن ئىبارەت تۆت چوڭ تۈۋرۈك ئۈستىگە قۇرۇلغان، دەپ داۋراك سالغان. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ 20 - يىللىرىدىن كېيىن ئۇنىڭ تەسىرى بارغانسېرى كېڭىيىپ، مەملىكەت خاراكتېرلىك تەشكىلات بولۇپ قالغان. مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى بىلەن كۆپ قېتىملاپ دىنى توقۇنۇش پەيدا قىلىپ، ھىندىستان مىللىي كۈچلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقىغا توسقۇن بولغان. ھىندىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ تەسىر كۈچى بارغانسېرى ئاجىزلاشقان.