Uyghurئاساسىي لۇغەت
ھىم
شىۋىلەر
خوتەن شىۋىسى
ئىم، ئىچ گەپ. مەسىلەن: ھىمى بىر - گىپى بىر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىملىق سۆز
تەئەججۈپ ، شۈبىھە، گۇمانسىراش ، ئىشەنمەسلىك قاتارلىق مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ .
-ھىم ، - دېدى ئۆمەر ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن ئويلانغان ھالدا ۋە توساتتىن سوراپ قالدى، - ئەنۋەر ئاكا ھازىر ئۆيىدە بارمىكىن ؟
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
مەھكەم ، چىڭ .
ھىم ياپماق، ھىم ئەتمەك .
كۆچمە . دەل ، ماس، خوپ .
ئۇ قىش كۈنلىرى كۆپىنچە ئۇستىخىغا ھىم كەلگەن قارا دۇخاۋا پەلتوسىنى كېيىپ يۈرەتتى .