Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ھىلفېردىڭ
دائىرە: دۇنيا تارىخى希法亭
xī fǎ tíng
(1877 - 1941) گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى ۋە ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ نەزەرىيىچىسى. ئاۋسترىيىدە يەھۇدىي باي سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. دەسلەپ ۋېنا ئۇنىۋېرسىتېتىدا مېدىتسىنا ئۆگەنگەن. 1902 - يىلى ئاۋسترىيە سوتسىيال دېموكرتلار پارتىيىسىگە قاتناشقان. كېيىن گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىگە قاتنىشىپ، مەخسۇس سىياسىي ئىقتىسادنى تەتقىق قىلغان. 1910 - يىلى ۋېنادا <پۇل مۇئامىلە كاپىتالى> دېگەن كىتابنى نەشر قىلغان. لېنىن بۇ كىتابنى جاھانگىرلىك ئۈستىدە <تولىمۇ قىممەتكە ئىگە نەزەرىيىۋى تەھلىل ئېلىپ بارغان> (لېنىن: <جاھانگىرلىك كاپىتالىزمنىڭ يۇقىرى باسقۇچى> ئۇيغۈرچە نەشىرى، 18 - بەت) دەپ ماختىغان. 1918 - يىلى گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ژۇرنىلى - <ئەركىنلىك> نىڭ باش مۇھەررىرى بولۇپ، پارتىيىنىڭ ئاساسلىق نەزەرىيىچىسىگە ئايلانغان. 1923 - يىلى ۋە 1928 - يىلى ئىككى قېتىم ۋېيمار جۇمھۇرىيىتىنىڭ مالىيە مىنىستىرى بولغان. 1933 - يىلى گىتلېر تەختكە چىققاندىن كېيىن، دانىيە، شۋېتسارىيىگە قېچىپ بېرىپ، كېيىن فرانسىيىگە كەتكەن. 1940 - يىلى فرانسىيە مۇنقەرز بولغاندىن كېيىن مارسېلدا ۋىيشىي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان. كېيىن گىستاپۇغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. ئۇ يەردە پاجىئەلىك ھالدا قىيناپ ئۆلتۈرۈلگەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.