Uyghurئاساسىي لۇغەت
ھېلى
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سۆز بولۇۋاتقان چاغدىن سەل بۇرۇن.
«ساي» ، «ساي تىن» خوتەن دىئاكېكتىدا قوللىنىلىدۇ.
بايا كەلسەم، يوق ئىكەنسىز. باياتىن بولغان سۆز - چۆچەك ھەممىنى ئەندىشىگە سالدى. بايام ھەبىبە كەپكەتتى. بۇ يەردە ئوغرى يوق، ھېلى قويغان ھېلى يوق. ساي تۇرۇپ تۇرسىلا. ھازىر چىقىمەن. ساياتىن بۇ يەردە جىق ئادەم تۇراتتى. تىمىن كەلدىم _ بايا كەلدىم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
رەۋىش
بۇندىن بىر ئاز ئىلگىرى ياكى بىر ئاز كېيىن، يېقىندىلا، ھازىر .
بۇ يەرگە ھېلى كەلدىم .
ھازىرقى پەيتتە، ھازىرچە .
تاماق ۋاقتىغا ھېلى بالدۇر.
نادەمنىڭ كۆز يېشى توختىمدى . ئۇنىڭ يېشى ھېلى توختارئەمەس ئىدى .
جۈملىدە ئايرىغۇچى ، باغلىغۇچى ۋەزىپىسىدە كېلىپ »گاھى، بىردەم « ، »بىر بولسا« دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ .
ئۇنىڭ قوللىرى تىترەپ ئالدىدىكى ھۆججەتلەرنى ھېلى ئۇ ياققا، ھېلى بۇياققا ئالاتتى .