Uyghurئاساسىي لۇغەت
ھىكمەت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كۆپلۈكى: ھىكەم. دانىشمەنلىك، دانالىق.
ئىلىم، مەرىپەت.
تەدبىر، چارە؛ پايدىلىق ئىش.
پەلسەپە.
سىر، مەخپىيەتلىك، يوشۇرۇن سەۋەب.
مەسەل، مەسەل قىلىش.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ھەر نەرسىنىڭ سىرى، سىرلىق نەرسە؛ تەدبىر، سەۋەب؛ بىلىمدانلىق، دانىشمەنلىك، دانا سۆز؛ پەلسەپە: ھېكمەت ئەتمەك - دانا پىكىر بايان قىلماق؛ ھېكمەت تەبىئىيە - جىسىملارنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئىلىم، فىزىكا؛ ھېكمەتشۇناس - ھېكمەت بىلگۈچى ئىلىملىك كىشى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئەرەبچە
ئىلىم - ھېكمەت، ھېكىمەتلىك سۆز
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئەرەبچە)
دانالىق، دانىشمەنلىك؛ مۆجىزە. بەدىنىدە قانداقتۇر غەيرى-تەبىئىي، ئارتۇق بەلگە بىلەن تۇغۇلغان بالا. باشقا شەكىللىرى: ھىكمەتجان، ھىكمەتخان.