English→Uyghurئاساسىي لۇغەت
Hittites
دۇنيادىكى مىللەتلەر
خىتىتتېلار
خىتىتتېلار <كاپپادوكىئانلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
خىتىتتېلار قەدىمكى زاماندا غەربىي ئاسىيادا ياشىغۇچى مىللەتلەرنىڭ بىرى. ئۇلار دەسلەپ مىلادىدىن ئاۋۋالقى 2000 - يىلنىڭ بېشىدا ئاناتولىيە (كىچىك ئاسىيا) دىكى ھاررىس دەرياسى (ھازىرقى تۈركىيىدىكى قىزىل - ئىرماق دەرياسى) ۋادىسىدا ياشىغان. مىلادىدىن ئاۋۋالقى Ⅹ[KG-*2]Ⅳ ئەسىرگە كەلگەندە قۇدرەت تېپىپ، يېقىن شەرقىتكى كۈچلۈك مىللەتكە ئايلانغان ھەمدە زېمىنىنى كېڭەيتىپ كىچىك ئاسىيانىڭ كۆپ قىسمى ۋە سۈرىيىنىڭ شىمالىي قىسمى، ئىككى دەريا ۋادىلىرىنى ئىگىلەپ، قەدىمكى بابىل پادىشاھلىقىنى يوقاتقان. مىلادىدىن ئاۋۋالقى Ⅹ[KG-*2]Ⅱ ئەسىرگە كەلگەندە خىتىتتېلار ئىمپېرىيىسى ئاسسۇرىيە پادىشاھلىقى بىلەن بوسپور بوغۇزى ئەتراپىدىن كەلگەن <دېڭىز ئۈستى مىللەت> لىرىنىڭ زەربىسى ئاستىدا زاۋاللىققا يۈزلەنگەن؛ مىلادىدىن ئاۋۋالقى Ⅷ ئەسىرگە كەلگەندە خىتىتتېلارنىڭ قالغان ئۇششاق پادىشاھلىقلىرى ئاسسۇرىيە ئىمپېرىيىسى تەرىپىدىن يوقىتىلغان.
خىتىتتېلار ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى ئاناتولىيە تىلى تارمىقىغا تەۋە خىتتىتې تىلىنى قوللانغان. بۇ خىل تىل ئەينى زاماندا كىچىك ئاسىيادىكى مۇھىم تىل بولۇپ، بۇ تىلدا يېزىلغان يازما يادىكارلىقلار مىلادىدىن ئاۋۋالقى 1650 - 1595 - يىللارغا تەۋە ھىندى - ياۋروپا تىلىدىكى ئەڭ قەدىمىي يادىكارلىق ھېسابلىنىدۇ. بۇ بىزنى خىتىتتېلارنىڭ دۆلەت تەشكىلى، جەمئىيەت تۈزۈلمىسى ۋە ئىگىلىكى، مەدەنىيىتى، دىنى قاتارلىق جەھەتلەرگە دائىر ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەيدۇ.
بۇ خىل يېزىقنى چېخ ئالىمى خروزنى (1879 - 1952) 1915 - يىلى غەلبىلىك ئوقۇپ ئىزاھلاپ چىققانىدى.
ئالىملارنىڭ تەتقىقاتىغا قارىغاندا، خىتىتتېلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرى قارا دېڭىزنىڭ شىمالىي رايونىدىن كىچىك ئاسىياغا كېلىپ چارۋىچىلىق ۋە دېھقانچىلىق قوشۇمچە قول ھۈنەرۋەنچىلىك، سودا - سېتىق بىلەن شۇغۇللانغان ھەمدە قەدىمكى مىسىر ۋە بابىل مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. خىتىتتېلار مىقسىمان يېزىق بىلەن ئېروگلىف يېزىقىنى قوللانغان. مىلادىدىن ئاۋۋالقى Ⅹ[KG-*2]Ⅴ ئەسىردىلا <خىتتىتې قانۇنلار توپلىمى> نى تۈزۈپ چىققان. بۇ، دۇنيا تارىخىدىكى تۇنجى يازما قانۇن بولۇپ، ئۇنىڭدا قۇلدارلىق تۈزۈمنى قوغداشقا دائىر تەپسىلىي بەلگىلىمىلەر بايان قىلىنغان.
خىتىتتېلار ئاساسەن كۆپ ئىلاھلىق دىنغا ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن.
خىتىتتېلار مىلادىدىن ئاۋۋالقى 2000 - يىللىرى بىرىنچى بولۇپ تۆمۈر تاۋلاش تېخنىكىسىنى كەشىپ قىلىپ، كۇلالىچىق، توقۇمچىلىق قاتالىق قول ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان. <تۆمۈر ھوقۇق بەلگىسى> دىگەنگە ئوخشاش سۆز - ئىبارىلەر كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ دۇنيا قەدىمكى زامان تارىخىدا ئەڭ بۇرۇن تۆمۈر قوراللارنى ئىشلەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.