Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
河野广中
دۇنيا تارىخى
كونوخىرىئوناكا
(1849 - 1923) ياپونىيە ئەركىن خەلق ھوقۇقى ھەرىكىتىنىڭ ئاساسلىق رەھبىرى. ۋۇچېن ئۇرۇشى مەزگىلىدە ھۆكۈمەت ئارمىيىسىگە قاتناشقان. 1875 - يىلى فوكوشىما ناھىيىسىدە سېكىيوشا جەمئىيىتىنى تەشكىللىگەن، 1878 - يىلى سانچىشا جەمئىيىتىنى تەسىس قىلغان. 1881 - يىلى ئەركىنلىك پارتىيسىنى قۇرغان ھەمدە فوكوشىما ناھىيىلىك پارلامېنتىنىڭ باشلىقى بولغان. 1882 - يىلى ناھىيە خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ ناھىيە ھاكىمى مىشىماتورونىڭ زوراۋانلىق سىياسىتىگە قارشى چىقىپ قولغا ئېلىنغان. 1889 - يىلى تۈرمىدىن يېنىپ چىققان. 1890 - يىلدىن باشلاپ ئۇدا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان، 1915 - يىلى داۋې ئىچكى كابېنتىنىڭ يېزا ئىگىلىك سودا ئىشلىرى ۋەزىرى بولغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئاساسىي قانۇنلۇق سىياسىي جەمئىيەتنىڭ كادىرى بولۇپ ئومۇمىي سايلام ھەرىكىتىگە كۈچ چىقارغان.