Uyghurئاساسىي لۇغەت
ھەئە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
<شۇنداق> دېگەن مەنىنى بېرىدۇ.
- شەھەرگە باردىلىمۇ؟
- ھا، باردىم.
- ھەئە، باردىم.
- ھە، باردىم.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئىجابىي جاۋاب.
ياق، يوقسۇ، يوق
ئىنكار جاۋاب.
ھە، بارسام باراي. ھەئەدىن ئوبدان جاۋاب يوق، جىگەردىن ئوبدان كاۋاپ (يوق). بارغا خوپ، يوققا يوق. يۇمشاققا خوش، خوپ، قاتتىققا يوقسۇ، ياق. ئۆزى تىلىمەيدۇ، بەرسەڭ ياق دېمەيدۇ. ماقۇل دېسەڭ، خوپ دەيدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىملىق سۆز
بولۇشلۇق جاۋاب ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ.
- ئىشتىن چۈشتىڭىزمۇ؟ - دەپ سورىدى ئايالىم: مەن: - ھەئە،- دەپ جاۋاب بەردىم.