Uyghurئاساسىي لۇغەت
ھەسەن بەسرى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(642 - 728)مۇھەددەس. تابىئ (ئىككىنچى ئەۋلاد ھەدىس رىۋايەتچىسى). زەيد بىننى سابىت ئازاد قىلىۋەتكەن قۇل. زەيد بىننى سابىتتىن دىنىي بىلىم ئۆگەنگەن. فىقھەگە پىششىق بولۇپ، پىكىر تەرەپدارلىرىغا مەنسۇپ، بەسرە مەسچىتىدە ھەدىس رىۋايەت قىلدى، ئەھكاملارنى شەرھلىدى. گۇناھى كەبىر سادىر قىلغانلار گۇناھكار ھېسابلىنىدۇ. لېكىن مۇسۇلمانلىقتىن قالمايدۇ، دەپ تەشەببۇس قىلدى. ئۇنىڭ شاگىرتى ۋاسىل بىننى ئاتا بىلەن ئەمىر ئىبنى ئۇبەيدە (699 - 761) گۇناھى كەبىر سادىر قىلغۇچىلار ھەم مۆمىن ھېسانلانمايدۇ، ھەم مۇرتەد ھېسابلانمايدۇ. ئىمانلىقلار ۋە ئىمانسىزلار ئوتتۇرىسىدا تۇرىدۇ، دەپ قارىدى. پىكىردە ئىختىلاپ بولغانلىقتىن، بۇ ئىككى شاگىرت ۋە ئۇلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى مۇئتەزىلىيە بولۇپ قۇرۇلدى. ئۇنىڭ زاھىتلىقى تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى ھەم پېشىۋا دەپ ھۆرمەتلەندى؛ ئىنساننىڭ ئىرادە ئەركىنلىكىنى تەشەببۇس قىلىشى مۇئتەزىلىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتى؛ ئەنئەنىچىلەرمۇ ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن نەقىل كەلتۈردى. ھەسەن بەسرە بەسرەدە ئالەمدىن ئۆتتى. رىۋايەت قىلىنىشىچە، مېيتنى ئۇزاتقاندا بەسرەلىكلەر شەھەر بويىچە مېيت نامىزىغا داخىل بولغان.