Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ھەسەل بېزى
دائىرە: بىئولوگىيە密腺
mìxiàn
بەزى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تەن يۈزىگە ھەسەل شىرنىسىنى ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان توقۇلما. ھەسەل بېزى ھاشارات ۋاسىتىسى بىلەن چاڭلىشىدىغان ئۆسۈملۈكلەرنىڭ گۈلىدە كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. گۈلتاجى، گۈل كاسىسى ياكى ئۇرۇقداننىڭ ئاساسىغا جايلىشىدۇ. ئورىغۇچى يوپۇرماق ياكى يوپۇرماقتىمۇ ئۇچرايدۇ. شەكلى شارسىمان، ئېللىپىسسىمان، رومكىسىمان، ياپىلاق بولىدۇ، رەڭگى يېشىل، سېرىق، بىنەپشە رەڭ، قىزىل بولىدۇ. بىر قەۋەت ھايات ھۈجەيرىدىغن تۈزۈلىدۇ، ئېپىدېرمىغا ئوخشايدۇ. بىراق سىرتقى پوستى نېپىز بولۇپ مۇڭگۈزلۈك قەۋىتى بولمايدۇ، ستوپلازمىسى مول بولىدۇ، ھەسەل شىرنىسى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. بۇ بىرخىل ئالاھىدىلەشكەن ئېپىدېرما بولۇپ، ھاشاراتلارنى جەلپ قىلىپ گۈل چېڭى تارقىتىش رولىنى ئوينايدۇ. ھەسەل بېزى تەرەققىي قىلغان، ھەسەل ئاجرىتىپ چىقىرىش مىقدارى كۆپ ئۆسۈملۈكلەر ھەسەلنىڭ كېلىش مەنبەسى بولۇپ، ھەسەل مەنبە ئۆسۈملۈكى دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، قىزىل بېدە، قىچا قاتارلىقلار.
ئۇنىۋېرسال,باغۋەنچىلىك
蜜腺
mì xiàn
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.