Uyghurئاساسىي لۇغەت
ھەسەب
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
داڭق، شۆھرەت، ئابرۇي، شەرەپ:
ناگەھ ھارۇ بىلە مەريەمنىڭ خىياللارىغە كەچتىكىم، نەسەب ۋە ھەسەبدە بىز مۇسادىن كەم ئەمەس بىز.
نەۋايى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
يۈز، ئابرۇي، داڭ، شۆھرەت، شەرەپ، قەدىرلىك بولۇش.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
جامائەت ئىچىدىكى ئىززەت - ھۆرمەت؛ مەنسەپ - ئەمەل.
<ھەسەب> كەم قوللىنىلىدۇ.
مەرتىۋىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن ئەمەس، ئەخلاقنىڭ كەملىكىدىن ئەنسىرەش كېرەك. تۇرمۇش قۇرماقچى بولغان قىز - يىگىت نەسەبتە باشقا، ھەسەبتە تەڭ بولغىنى ياخشى.