Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ھەرىكەت پارتىيىسى
دائىرە: دۇنيا تارىخى行动党
xíng dòng dǎng
1853 - يىلى ماززىنى ئىتالىيىدە قۇرغان مەخپىي تەشكىلات بولۇپ، مەقسىتى پۈتۈن ئىتالىيىنىڭ مۇستەقىللىكى ۋە بىرلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى كۈرەشنى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن، ھەرقانداق بەدەلگە قارىماستىن دەرھال ئىتالىيىدە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشتىن ئىبارەت. 1853 - 1856 - يىللىرى مەزكۇر تەشكىلات ئىتالىيىنىڭ شىمالىي ۋە ئوتتۇرا قىسىمىدا بىر قاتار قوزغىلاڭلارنى ئۇيۇشتۇرغان. 1857 - يىلى يەنە پىساكانېنىڭ جەنۇبىي ئىتالىيىگە يۈرۈش قىلىشىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، مەغلۇپ بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن تەسىرى ئاجىزلاپ كەتكەن ھەمدە ماززىنىچىلار ئىچكى قىسىمدىن بۆلۈنۈپ كەتكەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.