Uyghurئاساسىي لۇغەت
ھەقىقىي تېرە
بىئولوگىيە
تېرىنىڭ ئىچكى قەۋىتىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئېپىدېرمىنىڭ ئاستىغا جايلاشقان بولۇپ، ئېپىدېرما بىلەن بىرلىكتە ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ تېرىسىنى تۈزىدۇ. تۆرەلمە مەزگىلىدىكى مېتوبلاستتىن شەكىللەنگەن، ئېپىدېرمىغا قارىغاندا قېلىن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئاساسىي تۈزۈلۈش بىرىكتۈرگۈچى توقۇلمىدىن ئىبارەت. تەركىبىدە قان تومۇر، نېرۋا باغلىمى، لىمفا تومۇرى، تەر بەزلىرى، تۈك خالتىسى، سىلىق مۇسكۇل، تېرە ماي بەزلىرى قاتارلىقلار بولىدۇ. ھەقىقىي تېرىنىڭ ئاستىدا تېرە ئاستى توقۇلمىلىرى بولۇپ، ئۇلار بىرىكتۈرگۈچى توقۇلمىدىن تەركىب تاپقان. تەركىبىدىمۇ زور مىقداردىكى ماي توقۇلمىرى بولىدۇ. ھەقىقىي تېرىمۇ ئېپىدېرمىغا ئوخشاش تۇغۇندىلارنى شەكىللەندۈرەلەيدۇ. مەسىلەن، بېلىقلارنىڭ سۆڭەك تەڭگىچىلىرى، بۇغا مۆڭگۈزىنىڭ سۆڭەك تۈۋرۈكى قىسمى قاتارلىقلار.