Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ھەقىقىي سوتسىيالىزم
دۇنيا تارىخى
真正的社会主义
zhēn zhèng de shè huì zhǔ yì
<گېرمانىيىنىڭ سوتسىيالىزمى> ياكى <پەلسەپىۋى - ساپ ئەدەبىي سوتسىيالىزم> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ⅨⅩ ئەسىرنىڭ 40 - يىللىرىدىكى گېرمانىيە ئۇششاق بۇرژۇئازىيە سوتسىيالىزمى پىكىر ئېقىمى. ئۇ گېرمانىيە ئىدېئالىستىك پەلسەپىسىنى ئاساس قىغان سوتسىيالىزمنى <گېرمانىيىنىڭ>، <ھەقىقىي> سوتسىيالىزمى دەپ ماختىغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ ئاساسىي ۋەكىللىرى: خېس (1812 - 1875)، لۇنىڭ (1818 - 1868)، گرۇن ۋە كرېيگىر قاتارلىقلار. 1844 - يىلى 9 - ئايدا <كوممۇنىزم كۇلۇبى> تەشكىل قىلغان، لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي بېرلىنچىلار، ساكسىنچىلار، ۋېستىفالىيىچىلەر قاتارلىقلارغا بۆلۈنۈپ كەتكەن. گېرمانىيە چاكىنا مىشچانلار قاتلىمىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلغان. ئۇنىڭ نەزەرىيىسىنىڭ يارولۇق ئىدىيىسى فېييېرباخنىڭ ئانتوپولۇگىزمى ۋە برودوننىڭ ھۆكۈمەتسىزلىكىدىن ئىبارەت. ئۇ ئادەمنىڭ <ھەقىقىي> ماھىيىتىنى مەنىۋى ۋە ئەخلاقىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئادەمنىڭ ئازادلىقىغا يېتىشىنى، سوتسىيالىزمنى <ئادەمگەرچىلىككە سىڭدۈرۈش> نى تەشەببۇس قىلغان. گېرمانىيىدە كاپىتالىزمنى راۋاجلاندۇرۇشقا قارشى تۇرۇپ، پاترىئارخالچە ئۇششاق يەر مۈلۈكچىلىكىنى پەردازلىغان. پرولېتارىياتنىڭ سىياسىي كۈرىشىگە ۋە بۇرژۇئا دېموكراتىك ھەرىكىتىگە قارشى تۇرغان، شۇنداقلا سوتسىيالىزمچىلارنى تار مىللىي كەيپىيات ۋە شوۋىنىزم بىلەن زەھەرلىگەن. ماركس بىلەن ئېنگېلس <كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى>، <كرىكېگە قارشى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش> قاتارلىق ئەسەرلىرىدە ئۇنى تەنقى قىلغان. 1848 - يىلىنىڭ باشلىرىدا پارچىلىنىپ كەتكەن. <ئىجتىمائىي ئەينەك>، <تريېر گېزىتى>، <ۋېستىفالىيە پار كېمىسى>، <رېين يىلنامىسى>، <گېرمانىيە پۇقرالىرى قوللانمىسى> قاتارلىق گېزىت - ژۇرناللارغا ئىگە بولغان.