Uyghurئاساسىي لۇغەت
ھەقىقەت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ھەقىقەت، ئەسلى، ماھىيىتى، كېلىپ چىقىشى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چىن داۋلى، خالىسلىق، توغرا يول.
ھەقىقەت ئېگىلەر، سۇنماس. تاتلىق سەپسەتىدىن ئاچچىق ھەقىقەت ئەلا. ھەققانىيەت يولىدا جېنىڭنى ئايىما. ھەققانىيەتنىڭ ئۆڭى ئۆچمەيدۇ. سەن ھەر ئىشتا ئادىل بولساڭ، كىشىلەرنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىسەن. يامانلىققا يامانلىقتۇر مۇكاپات، شۇدۇر دادۇھەققانىيەت، ئادالەت. ئادالەت مەڭگۈ ئۆچمەس يالقۇن. ئادالەت ئىنسانلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ توغرا ئۆلچىمى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
پەلسەپە
ئوبيېكتىپ رېئاللىق ۋە ئۇنىڭ قانۇنىيەتلىرىنىڭ كىشى مېڭىسىدىكى توغرا ئىنكاسى؛ توغرىلىق، چىنلىق؛ ھەقىقىي ئەھۋال.
ھەقىقەتنى ئېيتماق. ھەقىقەتنى سۆزلىمەك.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئەرەبچە
راستلىق، توغرىلىق، ئەمەلىيەت