Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
亨利五世
دۇنيا تارىخى
ھېنرىخ Ⅴ
(1) ھېنرىخ Ⅴ (1081 - 1125) گېرمانىيە كورۇلى (1106 - 1125)، مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى (1106 - 1125؛ 1111 - يىلى تاج كىيدۈرۈلگەن). ھېنرىخ Ⅳ نىڭ ئوغلى. دەسلەپ پاپا پاسكال Ⅱ (1099 - 1118 - يىللىرى تەختتە بولغان) بىلەن بىرلىشىپ ئاتىسى كورۇلغا قارشى تۇرغان. تەختكە چىققاندىن كېيىن، پاپا بىلەن ئېپىسكوپلۇققا قويۇش ھوقۇقىنى تالىشىپ، 1111 - يىلى ئىتالىيىگە باستۇرۇپ كىرىپ، بىر مەھەل پاسكال Ⅱ نى بويسۇندۇرۇۋالغان. 2211 - يىلى يېڭى پاپا كالىكىستۇس Ⅱ (1119 - 1124 - يىللىرى تەختتە بولغان) بىلەن <ۋۇرمىس دىنىي كېلىشىمى> تۈزگەن، شۇنىڭ بىلەن پاپا ئىمپېراتور ئارىسىدىكى ئىپىسكوپلۇققا قويۇش ھوقۇقىنى تالىشىش توغرىسىدىكى جېدەل - ماجىرا ۋاقىتلىق مۇرەسسە قىلىش بىلەن ئاياغلاشقان. ئىچكى جەھەتتە بېقىندى - چاكارلىرى بىلەن شەھەر ئاھالىسىگە تايىنىپ ئىمپېراتورلۇق ھوقۇقىنى كۈچەيتىپ، كىنەز - بەگلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. (2) ھىنرىي Ⅴ (1387 - 1422). ئەنگلىيە لانكاستېر خاندانلىقىنىڭ كورۇلى (1413 - 1422). ئەنگلىيە كورۇلى ھىنرىي Ⅳ نىڭ چوڭ ئوغلى. دەسلەپ ئاتىسىغا ياردەملىشىپ، چوڭ ئاقسۆڭەكلەرنىڭ توپىلىڭىنى بېسىقتۇرغان. تەختكە چىققاندىن كېيىن ھۆكۈمرانلىقنى كۈچەيتىپ، 1414 - يىلدىكى لولارد مەزھىپى قوزغىلىڭىنى باستۇرغان. 1415 - يىلى 8 - ئايدا، فرانسىيىدىكى ئورلېئان گرېتسوگى بىلەن بورگوندىيە گرېتسوگى گۇرۇھى ئوتتۇرىسىدىكى ئىچكى ماجىرادىن پايدىلىنىپ، قوشۇن باشلاپ فرانسىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، 100 يىللىق ئۇرۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. 10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئازېنكۇر جېڭىدە، فرانسىيە ئارمىيىسىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلغان. ئارقىدىنلا جەنۇبقا قاراپ ئىلگىرىلەپ پارىژ ۋە لۇئار دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى كەڭ رايوننى ئىگىلىۋالغان. 1420 - يىلى 5 - ئايدا فرانسىيىنى <تروۋا شەرتنامىسى> نى قوبۇل قىلىشقا مەجبور قىلىپ، فرانسىيە كورۇللۇق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇۋالغان.