Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
亨伯特
دۇنيا تارىخى
ئۇمبېرت
(1844 - 1900) ئىتالىيە كورۇلى (1878 - 1900). ئىممانوئىل Ⅱ نىڭ ئوغلى. 1866 - يىلى قوشۇن باشلاپ كۇستوززا جېڭىگە قاتناشقان. 1878 - يىلى ئاتىسى ئۆلگەندىن كېيىن كورۇللۇق تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان. ئۇ، كۈچىنىڭ بارىچە ئەنگلىيىنىڭ كورۇللۇق ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمىگە تەقلىد قىلىپ، ئىتالىيىنىڭ كورۇللۇق ئاساسىي قانۇنلۇق ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنىڭ مۇستەھكەملىنىشىنى تېزلەتكەن. 1881 - يىلى ۋېنادا زىيارەتتە بولغان، ئىككىنچى يىلى ئۈچ دۆلەت ئىتتىپاقى شەكىللەنگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئافرىقىغا كېڭەيمىچىلىك قىلىشقا باشلىغان. 1900 - يىلى 7 - ئايدا مىلان ئەتراپىدىكى ئىستىراھەت ئورنى مونزادا ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى ئىتالىيىلىك ئانارخىست بىرېسى (1869 - 1901) تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.