Uyghurئاساسىي لۇغەت
ھەنەفىيە
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
فىقھە ئېقىملىرىدىن بىرى بولۇپ، مالىكىيە، شافىئىييە، ھەنبەلىيەلەر بىلەن بىر قاتاردا سۈننىي مەزھىپىدىكى تۆت چوڭ فىقھە ئېقىمىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئېقىمنى Ⅷ ئەسىردە ئىمام ئەبۇ ھەنىفە بەرپا قىلغان. بۇ ئېقىمنىڭ تەلىماتى ھەممىدىن بۇرۇن ئىراقنىڭ كۇفە قاتارلىق جايلىرىدا تەرەققىي قىلغانلىقتىن، ئىراق فىقھە ئېقىمى ياكى كۇفە فىقھە ئېقىمى دەپ ئاتالدى. بۇ ئېقىم شەرىئەت ئەھكاملىرىنى تۈزگەندە <قۇرئان كەرىم> نى ئاساس قىلدى، ھەدىسنى ئېھتىيات بىلەن ئىشلەتتى. بولۇپمۇ شەرىئەتنى ئىجرا قىلغۇچىنىڭ شەخس پىكرى ۋە ھۆكۈمى ئالاھىدە تەكىتلەندى. شۇڭا <پىكىر تەرەپدارلىرى> دەپ ئاتالدى. بۇ ئېقىم شەرىئەتنى ئىزاھلىغاندا شەرىئەت روھىغا ۋە شەرىئەت ئىبارىلەرگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئالاھىدە ئەھۋالدا قىياس يەكۈننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىماي، قازىنىڭ ئىستىھسان پرىنسىپىنى ئاساس قىلىپ، ئادىللىققا تېخىمۇ يېقىن ھۆكۈم چىقىرىش كېرەك، دەپ قارىدى. ئەبۇ ھەنىفە دەسلەپ بۇ ئېقىمنىڭ فىقھە سىستېمىسىنى بەرپا قىلغاندا دىنىي ئېتىكا ئۆلچەملىرىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئەدلىيە ئەمەلىيىتىگە سەل قاراپ، ئابباسىيلار سۇلالىسى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشتىن باش تارتقانلىقى ئۈچۈن زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى. ئۇنىڭ شاگىرتلىرىدىن ئەبۇ يۈسۈف (731 - 798) ۋە مۇھەممەد شەيبانى (749 - 805) لار ئۇنىڭ تەلىماتىنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇردى ھەمدە ھۆكۈمرانلار بىلەن ھەمكارلىشىشقا ئۆزگىرىپ، بۇ ئېقىمنى ئابباسىيلار سۇلالىسى ۋە ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ قوللىشىغا ئىگە قىلدى. نۇرغۇن فەقىھلەر قازىلىققا تەيىنلەندى. بۇ ئېقىمنىڭ تەسىرى ئەڭ كەڭ تارقالدى. ئەبۇ ھەنىفە يازغان <مۇسنەد>، ئەبۇ يۈسۈف يازغان <باج - سېلىق توغرىسىدا>، شەيبانى يازغان <كىتاب ئەل ئەمەل>، بۇرھانىدىن ئەلى يازغان <ئەل ھىدايە فىل فۇرۇئ>، سىگناقى يازغان <ئەل نىھايە>، سادىر ئەنۋەر يازغان <شەرھى ۋىقايە>، <فەتۋائى ئەلەمگىر> <مەجەللەئى ئەدلىيەئى ئوسمانىيە> قاتارلىق ئەسەرلەر بۇ ئېقىمنىڭ ئاساسلىق كىتابلىرى قىلىندى. بۇ ئېقىم تۈركىيە، ئىراق، ئافغانىستان، پىسىر، تۇنس، ھىندىستان، پاكىستان، ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق جايلاردا كەڭ تەرەققىي قىلدى. جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ كۆپىنچىسى بۇ ئېقىمنىڭ تەلىماتىغا ئەمەل قىلىدۇ،