Uyghurئاساسىي لۇغەت
ھەمشىرە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دوختۇرخانا - بالنىستلاردا كېسەللەرنى داۋالاش - كۈتۈش ئىشىنى قىلىدىغان خادىم.
خەلقئارا سانىتالار بايرىمى قىزغىن تەبرىكلەندى. يېقىندا نەمۇنىلىك سېسترالار مۇكاپاتلاندى. مىللىي ئازادلىق جېڭىدا قۇربان بولغان تىببىي ھەمشىرە رىزۋانگۈلنى خەلقىمىز مەڭگۈ خاتىرىلەيلى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىر ئانىنى ئىمىشكەن بالىلار.
<ھەمشىرە> نىڭ مەنىسى كېڭىيىپ <ئاچا - سىڭىل> بولۇپ قالدى.
مەن ئۇنىڭ بىلەن ئېمىلداش ئىكەنمەن، تۇرمۇش قۇرۇشقا بولمايدۇ. كۆكەلتاش بىر - بىرىگە قېرىنداش.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
قىز قېرىنداش.
گۈل سەلىمىنىڭ ئىككى ھەمشىرىسى بار ئىكەن.
كۆچمە. دوختۇرخانىلاردا، بولۇپمۇ ئۇرۇش مەزگىللىرىدە يارىدارلارغا قارايدىغان، ئۇلارنىڭ يارىلىرىنى تېڭىش، ئوكۇل سېلىش قاتارلىق ئىشلىرىغا ياردەملىشىدىغان ئايال خادىم.
شەپقەت ھەمشىرىسى.