Uyghurئاساسىي لۇغەت
ھەمدانىيە سۇلالىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(929 - 1004) ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ۋە سۈرىيىدىكى شىئە مەزھىپىنىڭ سۇلالىسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ سۇلالىنى ئەرەب تەغلىب قەبىلىسىنىڭ خەلىپىسى ھەمدان بىننى ھەمدۇن 890 - يىلى مىسۇپوتامىيىنىڭ قەلئەسى - ماردىننى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن قۇردى. ھەمداننىڭ نەۋرىسى ئەبۇ ھەيجەنى 905 - يىلى خەلىپە تەرىپىدىن مۇسۇلنىڭ باش ۋالىلىقىغا تەيىنلەندى. 929 - يىلى ناسىر دەۋلە (929 - يىلىدىن 968 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) دىن كېيىن، ئەبۇ ھەيجە سۇلالە قۇرۇپ، مەۋسىلنى پايتەخت قىلدى. پۈتكۈل مىسۇپوتامىيىنى ۋە سۈرىيىنىڭ شىمالىي قىسمىنى ئىشغال قىلدى. 944 - يىلى بۇۋەيھىيە سۇلالىسىنىڭ قىستىشى ئارقىسىدا، ئۇنىڭ ئۇكىسى سايف دەۋلە (944 - يىلىدىن 967 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) غەربتە ئىخشىدىيە سۇلالىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، ھەلەب ۋە ھىمسنى تارتىۋالغاندىن كېيىن، ئۆز ئالدىغا بولۇۋالدى. ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىگە كۆپ قېتىم ھۇجۇم قىلىپ، سەنئەت ۋە پەننى مۇكاپاتلاپ داڭق چىقاردى. مىسۇپوتامىيە 991 - يىلى بۇۋەيھىيەلەر تەرىپىدىن مۇنقەرز قىلىندى. 1004 - يىلى فاتىمىيە سۇلالىسى تەرىپىدىن يوقىتىلدى.