Uyghurئاساسىي لۇغەت
ھەججەتۇل ۋىدا
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولۇشتىن بىر نەچچە ئاي ئىلگىرى ئادەملىرى بىلەن مەككىگە بېرىپ ھەج قىلغانلىقى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ھىجىرىيىنىڭ 10 - يىلى (632 - يىلى) 3 - ئايدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەدىنە ئەتراپىدىكى قەبىلىلەردىكى مۇسۇلمانلارنى توپلاپ ھەج قىلىشقا ئېلىپ باردى، ئەرافات تېغىدا مەشھۇر <نۇتۇق> سۆزلەپ، مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي قېرىنداش ئىكەنلىكىنى، تېرە رەڭگى ۋە قان سىستېمىسىدىكى پەرقنى ئىنكار قىلىشنى؛ جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ئادەتلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەكىتلىدى. ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسىي مەجبۇرىيەتلىرىنى ۋە ئېتىكا پرىنسىپلىرىنى بايان قىلدى. <قۇرئان كەرىم> دە مۇنداق دېيىلدى: <... بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم، سىلەرگە نېمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلام دىنىنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم ...> (5 - سۈرىنىڭ 3 - ئايىتىدىن). شۇنىڭ نىلەن ئىسلام دىنىنىڭ غەلىبە قىلغانلىقى جاكارلاندى. بۇ قېتىمقى ھەج قىلىشتا بىر قاتار قائىدىلەر بەجا كەلتۈرۈلۈپ، شۇنىڭدىن كېيىنكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەج قىلغاندا ئەمەل قىلىدىغان ئۈلگىسى بولۇپ قالدى. بۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاخىرقى ھەج قىلىشى بولغاچقا <ھەججەتۇل ۋىدا> (ۋىدالىشىش ھەجى) دېيىلىدۇ.