Uyghurئاساسىي لۇغەت
ھەيران
مەنىداش سۆزلۈكلەر
غەيرىي ھېس قىلىپ، قىزىقىش.
ئەجەب بىر بالىكەنلا، سەدەپ مۇنچاققا ئوخشايلا، كۆڭلۈمنى بېرەي دېسەم، بىۋاپاغا ئوخشايلا. ھەيران بولدۇم ئۆزۈڭگە، قېشىڭ بىلەن كۆزۈڭگە، تەڭ تەپماستىن ئۆزۈمگە ئەمدى يەتتىم مەقسەتكە. تەئەججۇپ غەيرىتىنى بوشاشتۇرىدۇ. ھاڭ - تاڭ قالغان ھالدىن كېتەر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
زوئولوگىيە
بىر خىل قۇش، سىرتقى شەكلى قارلىغاچ ئائىلىسىدىكى قۇشلارغا ئوخشاپ كېتىدۇ. قۇيرۇقى ئۇزۇن بولۇپ، جىم تۇرغاندا قانىتى قۇيرۇقىدىن ئېشىپ تۇرىدۇ. ئۇچۇش سۈرئىتى تېز ۋە كۈچى كۈچلۈك كېلىدۇ. ئېگىز ئىمارەت لەمپىلىرى ياكى دەرەخ ئارىسىغا چاڭگا ياسايدۇ. ئۇچقاندا ھاشاراتلارنى تۇتۇپ يەيدۇ.
دېھقانچىلىق ۋە ئورمانچىلىققا پايدىلىق قۇش ھېسابلىنىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
بىرەر كۈتۈلمىگەن ئاجايىپ، غەيرىي - تەبىئىي نەرسە ياكى ھادىسە تۈپەيلىدىن ئادەمدە پەيدا بولغان ھاڭ - تاڭلىق؛ تەئەججۈپلىنىش، گاڭگىراش.
ھەيران بولماق. ھەيران قالماق.