Uyghurئاساسىي لۇغەت
ھەين
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ۋاقىت، پەيت، پۇرسەت، چاغ:
بۇ ھەيندە قارىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ،
تۆكۈپ سۇنى ناگاھ كوزەسىن يارىپ.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
بۇ ھەيندە يامانلار ئىشى تۇتتى ئەۋج،
كى ئۇردى جەھاندا رىيا بەھرى مەۋج.
ئا. نىزارى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ۋاقىت، زامان: ھەين تائامدا - ئاش ۋاقتىدا.