Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
黑龙会
دۇنيا تارىخى
قارا ئەجدىھا سۈلۈكى
ياپونىيىدىكى ئوڭ قانات تەشكىلات. 1901 - يىلى قۇرۇلغان. ئۇنىڭ كاتتىبېشى ئۇچىدا، مەسلىھەتچىسى توشەنمەن. ئاساسىي ئەزالىرى جۇڭگودا ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ياپون چوڭ قۇرۇقلۇق سەرگەردانلىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ تەشكىلات چوڭ ئاسىياچىلىقنى داڭلاپ، جۇڭگونىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقىنى بېسىۋېلىشقا قۇتراتقاچقا، خېيلۇڭجىياڭ دېگەن سۆزدىكى <قارا ئەجدىھا> دېگەن ئىككى سۆزنى تەشكىلات نامى قىلغان. ئۇ مەملىكەت ئىچىدە ئىشچىلار ھەرىكىتى ۋە دېموكراتىك ھەرىكەتلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلغان، سىرتقا قارىتا ھۆكۈمەتنىڭ جۇڭگو ۋە چاۋشيەنگە تاجاۋۇز قىلىشىنى قوللىغان ھەمدە جاسۇسلۇق، ئىشپيونلۇق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارغان. 1931 - يىلى باشقا ئەكسىيەتچى تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىشىپ، فاشىستىك پارتىيە <بۈيۈك ياپونىيە ئىشلەپچىقىرىش پارتىيىسى>نى تەشكىل قىلغان. 1946 - يىلى تارقىتىۋېتىلگەن.