Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
合欢
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
سېرىس
بۇ پۇرچاق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سېرىسقا ئۇرۇقداش، يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ
بولۇپ، ئېگىزلىكى تۆت - بەش مېتىر كېلىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن، ئىككى قايتىلانغان جۈپ سانلىق پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق
بولۇپ، كىچىك يوپۇرماقچىلىرىنىڭ شەكلى پىچاقسىمان بولىدۇ، سېپى بولمايدۇ، كۈندۈزى يېيىلىپ، كېچىسى يىغىلىۋالىدۇ؛ باشسىمان گۈل
رېتى ئۆگزىسىمان تىزىلغان بولۇپ، يېڭى شاخنىڭ ئۇچىدا ئۆسىدۇ، ئاتىلىق گۈل يىپى ئىنچىكە ئۇزۇن، ھال رەڭلىك بولىدۇ. قاسراقلىق مېۋىسى
مۈڭگۈزسىمان، شەكلى ياپىلاق ھەم نېپىز، پىشقاندا سارغۇچ قوڭۇر بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ قوۋزىقى، غۇنچىسى ۋە يېڭى ئېچىلغان گۈلى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ قوۋزىقىنى دەرەخ كەسكەندە ياكى دەرەخ شېخىنى پۇتىغاندا
سويۇۋېلىپ، كەسلەپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ؛ گۈلى تېخى ئېچىلمىغاندا غۇنچىسىنى، ئېچىلغاندا گۈلى يىغىۋېلىنىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ.
دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىدا تىكىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.
ھۆل سوغۇق.
قاننى جانلاندۇرۇش، ئاغرىق توختىتىش، كۆڭۈلگە خۇشلۇق بېرىش، تىنچلاندۇرۇش، پەي ۋە
سۆڭەكلەرنى چىڭىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ سېرىس قوۋزىقى 8 ~ 16 گرام، سېرىس گۈل غۇنچىسى 4 ~ 12 گرام
ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
20 گرام سېرىس قوۋزىقىنى سەككىز گرام ئاق چۇغلۇق، 20 گرام لۇڭگۇ بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، نېرۋا ئاجىزلىقىدىن
بولغان ئۇيقۇسىزلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
12 گرام سېرىس گۈل غۇنچىسىنى 10 گرام ئاق چۇغلۇق، 20 گرام لۇڭگۇ بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، نېرۋا ئاجىزلىقى ۋە
ئۇيقۇسىزلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
12 گرام سېرىس قوۋزىقىنى 10 گرام ئۈجمە يىلتىزىنىڭ ئاق پوستى، 20 گرام تەكىيە كاۋا مېغىزى، 12 گرام شاپتۇل مېغىزى بىلەن بىللە
سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆپكە يىرىڭلىق ئىششىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
35 گرام سېرىس قوۋزىقىنى 35 گرام ئاق چۇغلۇق، تۆت گرام سىر بىلەن قوشۇپ يۇمشاق سوقۇپ كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىم ئىككى
گرامدىن ئىچىپ بەرسە، نېرۋا ئاجىزلىقى، يۈرەك سېلىش، دەم سىقىلىش ۋە باش قېيىشقا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
12 گرام سېرىس گۈلىنى دەملەپ چاي ئورنىدا ئىچىپ بەرسە، گال ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
سېرىس قوۋزىقىدىن 70 گرام ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ تالقان قىلىپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا سەككىز گرام تالقاننى مۇۋاپىق
مىقداردىكى ئاچچىقسۇ بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، يېقىلىپ - ئۇرۇلۇپ زەخىملىنىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
20 گرام سېرىس قوۋزىقىنى 35 گرام ئۇچقات، 20 گرام قىزىل چۇغلۇق بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ھەرخىل چاقا ۋە
جاراھەتلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
بىئولوگىيە
سېرىس دەرىخى
پۇرچاق ئائىلىسىگە كىرىدۇ، يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ. قوۋزىقى ئاچ سېرىق، قوڭۇررەڭ ۋە قارا، يېرىلمايدۇ، شاخلىرى چوڭ بولۇپ شالاڭ ئۆسىدۇ، دەرەخ تاجى كەڭرەك بولىدۇ. يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، جۈپ سانلىق ئىككى قايتىلانغان پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق. پەيسىمان يوپۇرمىقى 4 - 12 جۈپ، ئۇششاق يوپۇرمىقى 10 - 30 جۈپ، ئېللىپىس شەكىللىكتىن يىپسىمانغىچە، ئىككى يېنى يانتۇ ياپىلاق، تەگ يوپۇرمىقى بالدۇر تۆكۈلۈپ كېتىدۇ، كىچىك يوپۇرمىقى كۈندۈزى ئېچىلىدۇ، كېچىسى ياكى تومۇز ئىسسىقتا قاتلىنىۋالىدۇ. گۈل رېتى باشسىمان بولۇپ، كىچىك گۈللەرنىڭ سانى كۆپ، كۈنلۈكسىمان تىزىلىدۇ، قولتۇقتا ياكى چوققىدا ئۆسىدۇ؛ گۈلى ئىككى جىنىسلىق، گۈل كاسىسى بىلەن گۈل تاجىدا قىسقا يۇمشاق تۈكچىلەر بولىدۇ؛ ئاتىلىقى كۆپ، ئاتىلىق يىپىنىڭ تۈۋى بىرلەشكەن، يىپسىمان، ئۈستى قىسمى قىزىل بولىدۇ. چوكا مېۋىسى ياپىلاق، يىپسىمان، رەڭگى قوڭۇررەڭ بولۇپ 8 - 12 دانە ئۇرۇقى بولىدۇ. خۇاڭخې، چاڭجىياڭ ۋە جۇجياڭ ۋادىسىدىكى ھەر قايسى ئۆلكىلەردىن چىقىدۇ، شەرقتىن ياپونىيە، جەنۇبتىن ھىندىستان ۋە ئافرىقىدىكى ئىسسىق بەلباغلاردا ئۆسىدۇ. قۇمساڭ تۇپراق ۋە قورغاق كىلىماتقا چىداملىق، ئۆسۈشى تېز. ياغاچ ماتېرىيالى قاتتىق ۋە زىچ بولۇپ ھارۋىنىڭ چاقى، جۇۋاز ۋە ئۆي سايمانلىرى ياساشقا ئىشلىتىلىدۇ. قۇرۇق قوۋزىقى دورىغا قوشۇلىدۇ. نېرۋىنى تىنچىلاندۇرۇش، قاننى جانلاندۇۇرش رولىنى ئوينايدۇ، ئاساسەن يەل قېيىۋېلىپ بىئارام بولۇش، ئۇيقۇسىزلىق، قوۋۇرغا زەخمىلىنىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ.
باغۋەنچىلىك
hé huān
سېرىس دەرىخىDئۇنىۋېرسال
hé huān
جەم بولماق )ئامراق ئەر - ئايالنىڭ ئۆزئارا جەم بولۇشى(
ئالبىزىيە دەتىخى، سېرىس دەرىخى
Dيېزا ئىگىلىك
hé huān
سرىس دەرىخىDئۆسۈملۈك
hé huān
سېرىس، ئالبىزىيە دەرىخى، يىپەك دەرىخىDئورمانچىلىق
hé huān
ئالبىزىيە دەرىخى، يىپەك دەرىخى