Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
核苷四磷酸
بىئولوگىيە
نۇكلېئوزىد تېترا فوسفات
جانلىقلار تېنىدە گۋانوزىن تېترا فوسفات (PPGPP) تىن تاشقىرى يەنە گۋانوزىن پېنتا فوسفاتمۇ بولىدۇ، بۇ ئىككى بىرىكمە ئىپتىدائىي يادرولۇقلاردا تېپىلغان بولۇپ، ئۇلار بەدەندە rRNA نىڭ سىنتېزلىنىشىنى كونترول قىلىش، ئامىنو كىسلاتالىرى ۋە فوسفاتىدلارنىڭ بىئولوگىيىلىك سىنتېزلىنىشىنى ھەمدە قەنتلەرنىڭ مېتابولىزمىنى تەڭشەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىلمۇ خىل تەڭشەپ - كونترول قىلىش روللىرىنى ئوينايدۇ. ئۇ ئىنتېرفېروننىڭ بىئولوگىيىلىك فۇنكىسىيىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ئۇ بىر نۇكلېئوئاتسىدازىنى ئاكتىپلاشتۇرالىغانلىقتىن، ۋىرۇس mRNA سىنىڭ قىسقىرىشىنى تېزلىتىدۇ ھەمدە ئاقسىلنىڭ سىنتېزلىنىشىنى تورمۇزلاش بىلەن ۋىرۇسنى تورمۇزلاش رولىنى ئوينايدۇ.