Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
赫尔
دۇنيا تارىخى
خۇلل
(1871 - 1955) ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى (1933 - 1944). دېموكراتلار پارتىيىسىدىن. 1891-يىلى كولۇمبىيە داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. 1893 - 1897 - يىللىرى تېننېشى شتاتلىق پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1903 - 1907 - يىللىرى بۇ شتاتتا سەييارە سوتچى بولغان. كېيىن پارلامېنت ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ۋە كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولغان. دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بولغان مەزگىلىدە، ئىجتىمائىي مۇتەئەسسىپ كۈچلىرىنىڭ <يېڭى سىياسەت> كە بولغان نارازىلىقىنى پەسەيتكەن، لاتىن ئامېرىكىسى رايونىدا <ئىناق قوشنىدارچىلىق سىياسىتى> نى يولغا قويغان؛ ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيىنىڭ فاشىست گېرمانىيىگە قارشى تۇرۇشىغا ياردەم بېرىشنى قۇۋۋەتلىگەن؛ ياپونىيە بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە رىياسەتچىلىك قىلغان، ئامېرىكىنىڭ تاشقى ئىشلىرىغا مۇھىم تەسىر كۆرسەتكەن. 1944-يىلى 11-ئايدا ئىستېپا بەرگەن. ئىككىنچى يىل نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
پسىخولوگىيە
خۇل
(كلارك لېئونارد خۇل، 1884-1952 ) ئامېرىكا پسىخولوگى. يېڭى بىخېۋىئورىزمچىلار ۋەكىللىرىنىڭ بىرى. 1935 - يىلى ئامېرىكىنىڭ پسىخولوگىيە جەمئىيىتىگە رەئىس بولغان. ماتېماتىكا،لوگىكا ئۇسۇلى ئارقىلىق ئاددىي ئۆگىنىش ۋە مۇرەككەپ ئۆگىنىشنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى تاپقان ۋە رەتلەپ چىققان. ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئاساسىي مۇددىئاسى فىزىئولوگىيىلىك «ئىمپۇلس» تىن ئىبارەت دېگەننى قۇۋۋەتلەيدۇ ھەمدە «تەسىرنىڭ - رېئاكسىيىنى كۇچەيتىش رولى» نەزەرىيىسى بىلەن «ئىمپولسنى ئازايتىش» ئۇقۇمىغا ئاساسلىنىپ، بىر سانلىق مەلۇماتلار سىستېمىسىنى ئىجاد قىلغان. ئاساسىي ئەسەرلىرى «ھەرىكەت پرىنسىپى»، «بىر ھەرىكەت سىستېمىسى» قاتالىقلاردىن ئىبارەت.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
hè ěr
خېل