Uyghurئاساسىي لۇغەت
ھەدىسچىلەر
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
سۈننىي مەزھىپىدىكى فىقھە ئېقىملىرىنىڭ بىرى بولۇپ، Ⅷ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا بارلىققا كەلگەن. ئەسلىي رايونلارنى مەركەز قىلغان دەسلەپكى چاغلاردىكى فىقھە ئېقىملىرىنىڭ بىرى بولۇپ، تەشكىل بولۇپ شەكىللەنمىگەن. دەسلەپكى چاغلاردىكى فەقىھلەر ھۆكۈم ئىجتىھادى داۋامىدا قەدىمكى ئەنئەنىۋى ئادەتلەر (سۈننەت) كە ھۆرمەت قىلدى ھەمدە ئۇنى فىقھە تەلىماتىنى بەلگىلەشنىڭ ئاساسى قىلدى. ھەدىسچىلەر مۇشۇ ئاساستا <پەيغەمبەرنىڭ سۈننەتلىرى> نى ئەھكام چىقىرىشنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇلار <قۇرئان كەرىم> دىكى ھۆكۈملەرگە ئەمەل قىلىشنى تەكىتلەش بىلەن بىللە، جايلاردىكى مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى. بۇ ئەنئەنىۋى ئادەتلەرنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرى ئېتىراپ قىلغان ھەدىس، سۈننەتلەرنىڭ شۇ چاغدىكى داۋاملىشىشى ۋە ئىپادىلىنىشى دەپ قارىدى. ھەدىسچىلەر تەلىماتىنىڭ تارىخىي ئىزچىللىقىنى دەلىللەش ئۈچۈن، ھەدىھ ھەققىدىكى رىۋايەتلەرنى ھەمىشە نەقىل كەلتۈرۈپ، ھەدىسنى ئەھكام چىقىرىشتا ئەڭ بۇرۇن تەبىق قىلدى. ھەدىسكە ئاساسەن ئەھكام چىقىرىش ئىدىيىسىگە پىكىر تەرەپدارلىرى قارشى تۇرۇپ، فىقھە نەزەرىيىسى توغرىسىدا تالاش - تارتىش پەيدا بولدى. كېيىن مەشھۇر فەقىھ ئىمام شافئىي مۇرەسسە قىلىش كۆز قارىشىدا تۇرۇپ، ھەدىسكە ئاساسەن ئەھكام چىقىرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان فىقھەنىڭ تۆت نەزەرىيىسىنى سىستېمىلىق بايان قىلىپ، تالاش - تارتىشنى پەسەيتتى. شۇنىڭدىن كېيىن <قۇرئان كەرىم> گە ئاساسەن ئەھكام چىقىرىشتىن قالسىلا ھەدىسكە ئاساسەن ئەھكام چىقىرىش يولغا قويۇلدى. ھەدىسچىلەرنىڭ باش كۆتۈرۈپ چىقىشىغا ئەگىشىپ، جەمئىيەتتە نۇرغۇن ساختا ھەدىسلەر تارقىلىشقا باشلىدى. كېيىن باش كۆتۈرۈپ چىققان ھەدىسچىلەر ھەدىسلەرنىڭ ساختىلىرىنى شاللىۋېتىپ، راستىلىرىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشتى ھەمدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرى بىلەن ساھابىلەرنىڭ سۈننەتلىرىنى پەرقلەندۈردى. لېكىن، ساختا ۋە راستلىرىنى ئايرىش يەنىلا تەس بولدى. تارىختا مالىكىيە مەدىنىدە بارلىققا كېلىپ، شۇ يەردىكى ئۆرپ - ئادەتلەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكتىن، <ئەھلى ھەدىسلەر> دەپ ئاتالغانىدى. ئەمەلىيەتتە دەسلەپكى چاغلاردىكى ئەھلىي فىقھەلەر ئىچىدە ھەدىسچىلەرنىڭ ئىزلىرى مەۋجۇت ئىدى. سەل كېيىن باش كۆتۈرۈپ چىققان ھەنبەلىيە ھەدىسكە ئاساسەن ئەھكام چىقىرىش ئەنئەنىسىنى تېخىمۇ تەكىتلىدى.