Uyghurئاساسىي لۇغەت
ھەدىيە قوبۇل قىلغۇچى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئىسلام شەرىئىتىدە ھەدىيە قوبۇل قىلىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولغۇچى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. پرىنسىپ جەھەتتە ھەرقانداق ئادەمدە ھەدىيە قوبۇل قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ. لېكىن، ئۇ كىشى بالاغەتكە يەتمىگەن ياكى روھى كېسەلگە گىرىپتار بولسا، ئۇنىڭ شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن ھامىيسى (مەسىلەرن، ئاتا - ئانىسى) ھەدىيىنى ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن قوبۇل قىلىشى ۋە ساقلاپ قويۇشى كېرەك. مۇنداق بولمىسا، ھەدىيە كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. مەسچىت، مەكتەپ، دوختۇرخانا، خەير - ساخاۋەت ئورگىنى قاتارلىقلارنىڭ ھەدىيىنى قوبۇل قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ. بۇنداق ھەدىيە شەرىئەتتە مال - مۈلۈكنى ئىختىيارى سەدىقە قىلىش قاتارىدا ھېسابلىنىپ، ۋەخپە ئەھكامى ئاساس قىلىنىدۇ. مەرھۇمنىڭ كۆز يۇمۇش ئالدىدىكى ۋەسىيەت قالدۇرۇپ ئىئانە قىلىشى مال - مۈلۈكنى ۋەسىيەت بىلەن ئۆتۈنۈپ بېرىشى ھېسابلىنىپ، شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن ۋارىسنىڭ ئۇنى قوبۇل قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ.