Uyghurئاساسىي لۇغەت
ھەبلۇللا
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئىسلام دىنىدا قوللىنىلىدىغان سۆز بولۇپ، ئۆلىمالار، ئاخۇنۇملار ئەمرىمەرۇپ قىلغاندا ياكى دىننى تەبلىغ قىلغاندا كۆپ قوللىنىلىدۇ. بۇ ئەرەنچە سۆزنىڭ مەنىسى « ئاللانىڭ ئاغامچىسى » دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ سۆزنىڭ « قۇرئان كەرىم » دىكى 3 _ سۈرىنىڭ 103 _ ئايىتىدىن كەلگەن. بۇ ئايەتتە مۇنداق دېيىلگەن: « ھەممىڭلار ئاللانىڭ ئاغامچىسىغا ( يەنى ئاللانىڭ دىنىغا ) مەھكەم يېپىشىڭلار، ئايرىلماڭلار . . . »، بۇ مۇسۇلمانلار ئاللاغا ئورتاق ئېتىقاد قىلىش ئاساسىدا ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ، بۆلۈنمەسلىك دېگەنلىكتۇر. ئاللانىڭ ئەمرىگە ئاساسەن ئىتتىپاقلىشىش، بۆلۈنمەسلىك مۇسۇلمانلار ئادا قىلىدىغان دىنىي مەجبۇرىيەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام «< قۇرئان كەرىم > ھەقىقەتەن ئاللانىڭ مەھكەم ئاغامچىسدۇر » دېگەنىدى. مۇفەسسىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، « قۇرئان كەرىم » دىكى « ئاللانىڭ ئاغامچىسىغا مەھكەم يېپىشىڭلار » دېگەن بۇ بىر ئېغىز سۆزنى مۇسۇلمانلار « قۇرئاندىكى ئەمرلەرگە ئەمەل قىلىش، < قۇرئان كەرىم> نى جىمى سۆز _ ھەرىكەتكە، ھەق ۋە ناھەققە، ياخشىلىق ۋە يامانلىققا ھۆكۈم قىلىشنىڭ ئۆلچىمى قىلىشى كېرەك » دەپ چۈشەندۈرىدۇ.