Uyghurئاساسىي لۇغەت
ھىدروگېن بومبا
يادرو ۋە بىئو قوراللار
ھىدروگېن بومبا − يېنـىـك ئاتـوم يـادروسـىـنىـڭ يىغىلىش رېئاكسىيىسىدىن قويۇپ بېرىلگەن غايەت زور ئېنېرگىيىدىن پايدىـلـىـنـىـپ، ئۆلتۈرۈش، يارىلاندۇرۇش، بۇزغۇنچىلىق قىلىش رولىنى ئوينايدىغان پارتـلاشچان ياراغ. يـېـنـىـك ئاتـوم يـادروسـىـدا ئىـنـتـايـىـن يـۇقـىـرى تېمپېراتۇرىدىلا يىغىلىش رېئاكسىيىسى يۈز بېـرىـدۇ، شـۇڭـا، ھىدروگېن بومبا تېرمونۇكلېئار ياراغ دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
ھىدروگېن بومبىنىڭ قۇۋۋىتى ئاتوم بومبىنىڭكىدىن خېـلـىلا زور، ئۇ ئاساسەن تېرمو يادرو ماتېرىيالى، پارتلاتقۇچى ئاتوم بومبا ۋە بـومـبـا قېپى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپىدۇ. ھىدروگېن بومبىنـىـڭ پـارتلاش جـەريـانـى ئاتوم بومبىنىڭ پارتلاش جەريانىغا يېنىك يادرو يىغىلىش قوشۇلغـان جەريان بولۇپ، ئۇنىڭ قۇدرىتىنىڭ چېكى يوق.1952 - يىل10 - ئايـنـىـڭ31 - كۈنى، ئامېرىكا تىنچ ئوكياندىكى يىلجابېل ئارىلىدا ھىدروگېن بومبىـسـىـنـى تۇنجى قېتىم سىناق قىلىپ پارتلاتتى، ئۇنىڭ قۇدرىـتـى10 مـىـلـيـون400 مىڭ توننا پارتلىتىش دورىسىغا باراۋەر كېلىدۇ.1961 - يىل10 - ئايـنىـڭ30 - كۈنى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى يېڭى يەر ئارىلىـدىـكـى4000 مـېـتـىـر ھاۋا بوشلۇقىدا ئېكۋىۋالېنتى58 مىليون توننا بولغان بىر ھىدروگېن بومبىسىـنـى پـارتلاتـتى، بومبىنىڭ ئېغىرلىقى10 توننا ئۆپچۆرىسىدە بولۇپ، دۇنيا بـويـىـچـە ئەڭ زور بىر قېتىملىق يادرو پارتلىشى ھېسابلىنىدۇ.