Uyghurئاساسىي لۇغەت
ھائېكېل
دۇنيا تارىخى
(1834 - 1919) گېرمانىيىلىك ناتۇرالىست، دارۋىنىزمنى قوغدىغۇچى ۋە تارقاتقۇچى. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، بېرلىن داشۆسى ۋە ۋىرزبۇرگ داشۆسىدە ئوقۇغان. 1857-يىلى تىببىي پەن دوكتورى بولغان. ئىتالىيە ۋە قىزىل دېڭىز قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ساياھەت قىلغان ۋە ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بارغان. 1865 - 1909-يىللىرى يېنا داۆسىدە زوئولوگخيە پروفېسسورى بولغان. ئۇ ھايۋاناتلار موراولوگىيىسى ۋە ئېبىمرىئولوگىيىسى جەھەتتىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسەن، جانلىقلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىگە كۈچلۈك ئاساس يارىتپ بەرگەن. ئۇنىڭ ئىدىيىسى شۇ چاغدىكى تەبىئىي پەن ئالىملىرىنىڭ ستېخىيىلىك ماتېرىيالىستىك خاھىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۇ <بىر مەنبەچىلىك تەرەپدارلىرى جەمئىيىتى> نى تەسىس قىلىپ، دىنىي ۋە پەلسەپىدىكى جاھالەتچىلىككە قارشى كۈرەش قىلغان. ئۇنىڭ <ئالەمنىڭ سىرى> دېگەن كىتابى تېنولوگلار ۋە ئىدېئالىستىك پەيلاسوپلارنىڭ قاتتىق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. لېكىن ئۇنىڭ جەمئىيەت تارىخىي كۆز قارىشى ئىدېئالىستىك بولغان. ئۇ دارۋىننىڭ ھاياتلىق رىقابىتى قانۇنىيىتىنى جەمئىيەت ساھەسىگە قوللىنىپ، ئەكسىيەتچىل دارۋىنىزم ۋە ئىرىقچىلىقنىڭ تارقاتقۇچىسى بولۇپ قالغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرى <ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات تارىخى>، <تەبىئەتنىڭ يارىتىلىش تارىخى>، <ھاياتلىق مۆجىزىلىرى>، <دىن بىلەن پەن ئوتتۇرىسىدىكى بەلباغ بولغان بىر مەنبەچىلىك> قاتارلىقلار.