Uyghurئاساسىي لۇغەت
ھاۋا يىلتىزى
بىئولوگىيە
ھاۋادا ئۆسىدىغان يىلتىز. (1) نەپەسلىنىدىغان يىلتىز. سازلىق ياكى دېڭىز ياقىسىدا ئۆسىدىغان بەزى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يىلتىزى پاتقاق بىلەن كۆمۈلۈپ كېتىدىغانلىقتىن، نەپەسلىنىشى قىيىنلىشىپ، بىر قىسىم يان يىلتىزى تىك ھالدا يۇقىرىغا قاراپ ئۆسۈپ، ھاۋاغا چىقىپ نەپەسلىنىشكە ماسلىشىدۇ. مەسىلەن، رىزو فورا دەرىخى. (2) يۆلىگۈچى يىلتىز. بۇ غولدىن ئۆسۈپ چىقىدىغان تۇراقسىز يىلتىز بولۇپ، تۇپراققا كىرىپ تىرەپ تۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. مەسىلەن، كۆممىقوناق، شېكەر قۇمۇشى، كىچىك يوپۇرماقلىق ئەنجۈر دەرىخى. بەزى ئىسسىق بەلباغ ياغاچ غوللۇق ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ يۆلىگۈچى يىلتىزى تاختىسىمان بولۇپ، تاختىسمان يىلتىز دەپ ئاتىلىدۇ. (3) ياماشقۇچى يىلتىز. يامىشىپ ئۆسكۈچى ئۆسۈملۈكلەر غولىدىن ئۆسۈپ چىقىدىغان تۇراقسىز يىلتىز. يامىشىپ ئۆسكۈچى ئۆسۈملۈكلەر بۇخىل يىلتىز ئاقرقىلىق باشقا نەرسىلەرگە يېپىشىپ يامىشىپ ئۆسىدۇ، مەسىلەن، تامپېلەك. (4) سۇ ساقلىغۇچى يىلتىز. ئىسسىق بەلباغدىكى يېپىشىپ ياشايدىغان ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يىلتىزى ھاۋادا ئۆسىدۇ، ئۇنىڭ قوۋزاق قەۋىتى يېتىلىپ كۆپ قەۋەت ئۆلۈك ھۈجەيرىدىن تۈزۈلگەن يىلتىز يېپىنچىسىنى ھاسىل قىلىپ، سۇ سۈمۈرىدۇ ۋە زاپاس ساقلايدۇ. مەسىلەن، بەزى تۈلكە مايىقى ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەر ۋە چايانئوت ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەر. (5) فوتوسىنتېز ئېلىپ بارىدىغان يىلتىز. بۇ خىل يىلتىزدا خلوروفىل بولۇپ، فوتوسىنتېز ئېلىپ بارىدۇ. مەسىلەن، تۈلكە مايىقى ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەر. سۇ ياڭىقىدا ئادەتتىكى يىلتىز بولغاندىن باشقا يەنە فوتوسىنتېز ئېلىپ بارىدىغان يىلتىزمۇ بولىدۇ.