Uyghurئاساسىي لۇغەت
ھاشىيە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كۆپلۈكى: ھەۋاشى. بىرەر نەرسىنىڭ چېتى، ئايلانمىسى، ئەتراپى.
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئەرەبچە
كىتاب، دەپتەر ياكى قەغەزنىڭ چېتى، ئەتراپىغا يېزىلغان خەتلەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ. قەدىمكى زاماندا كىتابلار ھاشىيەسىگە ناھايىتى مۇھىم تەكىتلەش، پىكىر _ مۇلاھىزىلەر، ئىزاھلار ھەتتا پۈتۈن ئەسەر يېزىلاتتى. مەسىلەن: فۇزۇلىنىڭ « لەيلى ۋە مەجنۇن » داستانى شائىر دىۋانىنىڭ ھاشىيەسىگە يېزىلغان.
قەدىمكى ئەسەرلەر
XKQ/20
بۇ ئەسەر لوگىكا ئىلمىغا ئائىت مەسىلىلەر بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل - دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 24 × 14 سانتىمېتىر، 288 بەت. ئەرەبچە، قول يازما.
قەدىمكى ئەسەرلەر
XKQ/474
بۇ ئەسەر ئەرەب تىلى دەرسلىكى بولۇپ، ئاپتورى: سەئىد ئەخمەد خوقا باقىر. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل - دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 23 × 14 سانتىمېتىر، 143 بەت. ئەرەبچە، تاش باسما.
قەدىمكى ئەسەرلەر
XKQ/761
بۇ ئەسەر ئەرەب تىلى لوگىكىسى بولۇپ، ئاپتورى: موللا ئابدۇرەھمان ئىبن مەسئۇد، ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل - دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 27 × 15 سانتىمېتىر، 568 بەت. ئەرەبچە، قول يازما.
قەدىمكى ئەسەرلەر
XKQ/1007
بۇ ئەسەر لوگىكا بىلىملىرى بايان قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى ئېنىق ئەمەس. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل - دەۋرى: ھىجرىيە 932 - يىلى. فورماتى: 18 × 13 سانتىمېتىر، 316 بەت. ئەرەبچە، قول يازما.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
مەتبۇئات
كىتاب، دەپتەر ۋاراقلىرىنىڭ تۆت ئەتراپىدىكى خەت يېزىلمىغان ئاق جايلار.
قەدىمكى زاماندا كىتابلار ھاشىيەسىگە ناھايىتى مۇھىم تەكىتلەش، پىكىر - مۇلاھىزىلەر، ئىزاھلار ھەتتا پۈتۈن ئەسەر يېزىلاتتى.