Uyghurئاساسىي لۇغەت
ھارۇن رەشىد
دۇنيا تارىخى
(763 - 809-يىللىرى) ئەرەب ئىمپېرىيىسى ئابباسىيلار خاندانلىقىنىڭ خەلىپىسى (786 - 809). شاھزادە مەزەخلىدە، ۋىزانتىيىگە شەخسەن ئۆزى قوشۇن تارتىپ بېرىپ غەلىبە قىلىپ <رەشىدە> (ئادالەتچى) دەپ نام ئالغان. ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان مەزگىلى ئابباسىيلار خاندانلىقى روناق تاپقان مەزگىلى بولغان. پايتەختى باغدادنىڭ ئىگىلىك سودىسى گۈللگەنگە بولۇپ،، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىلىم ۋە مەدەنىيەت مەركىزىگە ئايلانغان. سىرتقا قارىتا ۋىزانتىيىگە يۈرۈش قىلپ، ۋىزانتىيىنى ئولپان تاپشۇرۇپ سۈلھ قىلىشقا مەجبۇر قىلغان. شەرقتە جۇڭگو (تاڭ سۇلالىسى) بىلەن ئالاقە ئورانتاقن، مۇسۇلمان سودىگەرلىرى <يىپەك يولى> ئارقىلىق شەرققە كېلىپ سودا قىلىپ تۇرغان، ئۇ تەختكە چىقىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا مەدىنىدىكى شىئەلەرنىڭ قوزغىلىڭىنى باستۇرغان. كېيىنكى مەزگىلىدە شىمالى ئافرىقا خەلىپىنىڭ تزىگىنلىۋېلىشىدىن قۇتۇلغان. سەمەرقەند يۈز ئۆرۈگەن. ئۇ، قوشۇن باشلاپ شدەرققە يۈرۈش قىلىش سەپىرىدە ۋاپات بولغان.