Uyghurئاساسىي لۇغەت
ھارماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۈچ _ قۇۋۋەت كېتىپ، ھارغىنلىق ھېس قىلماق؛
« بولدۇرماق » ئات _ ئۇلاغقا نىسبەتەن ئېيتىلىدۇ.
چارچىغان چىققان كۈننىمۇ كۆرمەس. ئالدىرىغان تېز ھارار. بىر ئاچ قالغاندا، بىر ھارغانغا گەپ قىلما. ئىېتىڭ بولدۇرسا، دۆڭگە چاپ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئەمگەك قىلىپ ياكى يول يۈرۈپ چارچىماق، ھارغىنلىق يەتمەك.
يول يۈرگەندە ئېتىڭ ھارمىسۇن، قېرىغاندا ئايالىڭ ئۆلمىسۇن (ماقال).