Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ھارغىنلىق
پسىخولوگىيە
疲劳
pí láo
بۇ كىشىلەردىكى ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىش ياكى ئىشلەشتىش كېلىپ چىققان ئۆگىنىش ياكى خىزمەت ئۈنۈمى تۆۋەنلەش ھالىتىدىن ئىبارەت. مەسلەن، ئۇزاق ۋاقىت جىددىي ئۆگىنىش قالغان ياكى ئىشلىگەندىن كېيىن، كىشىنىڭ قابىلىيىتى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ، ئادەتتە (ھارمىغاندا) ھەل قىلغالى بولىدىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ - دە، شۇنىڭ بىلەن «ئۆگىنىشتە چارچاش» ياكى «خىزمەتتە چارچاش» يۈز بېرىدۇ. ھارغىنلىق فىزىئولوگىيىلىك ھادىسە ھەم پسىخولوگىيىلىك ھادىسە. مەسىلەن، سەزگۈدە گاللىشىش، ھەرىكەتتە تەڭپۇقلۇقنى يوقىتىش، مۇسكۇللار تارتىشىپ ئۇيۇشۇش قاتارلىقلار فىزىئولوگىيە جەھەتتىكى ئىنكاس ھېسابلىنىدۇ. دىققەتنى مەركەزلەشتۈرەلمەسلىك، تەپەككۇرنىڭ گاللىشىشى، خاتىرە قابىلىيىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى، كەيپىياتتىكى قوزغىلىش يەنە مەسىلەن، ئىچكى تىتىلداش، زېرىكىش، بىئاراملىق، ئىچى پۇشۇش قاتارلىقلار پسىخىك جەھەتتىكى ئىنكاس ھېسابلىنىدۇ. بۇ فىزىئولوگىيىلىك ۋە پسىخولوگىيىلىك ئىنكاسلار ھېسابلىنىدۇ. ئۆزئارا باغلىنىشلىق ھەم بىر بىرىدىن پەرقلىق بولىدۇ. بەزى پسىخولوگلارنىڭ قارىشىچە، ھارغىنلىقنىڭ فىزىئولوگىيە جەھەتتىكى ئىپادىسى «ئىشتا چارچاش» يەنى ئىشلىيەلمەي قېلىش؛ پسىخىكا جەھەتتىكى ئىپادىسى «ئىشتىن زېرىكىش» يەنى ئىشلىگۈسى كەلمەسلىك. ھارغىنلىقنىڭ فىزىئولوگىيە جەھەتتىكى ئىنكاسى ناھايىتى روشەن، ئۇنى ئوبيېكتىپ ئۇسۇل بىلەن ئېنىقلىغىلى بولىدۇ، پسىخىكا جەھەتتىكى ئىنكاسنى ئېنىقلاش تەس. فىزىئولوگىيىلىك ھارغىنلىقنى تۈگىتىشتە دەم ئېلىش لازىم. فىزىئولوگىيىلىك ھارغىنلىق يېنىكرەك بولسا، ئىرادە تىرىشچانلىقى بىلەن يېڭىپ كەتكىلى بولىدۇ. پسىخىكا جەھەتتىكى ھارغىنلىقنى تۈگىتىشتە دەم ئېلىش، ئىرادە تىرىشچانلىقى كۆرسىتىشتىن باشقا، پوزىتسىيىنى ئۆزگەرتىش، مۇددىئانى رىغبەتلەندۈرۈش، قىزىقىشنى كۈچەيتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى كۆرۈشكە توغرا كېلىدۇ. ھارغىنلىقنىڭ يېنىك چارچاش، قاتتىق چارچاشلاردىن باشقا، ۋاقىتلىق چارچاز، سوزۇلما خاراكتېرلىك چارچاش قارتارلىق تۈرلىرى بار. ۋاقىتلىق چارچاشنى مۇۋاپىق دەم ئېلىش ئارقىلىق تۈگەتكىلى بولىدۇ. ئەمما كىشى جىسمانىي جەھەتتىن ئۇزاق مەزگىل ھارغىنلىق ھالىتىدە تۇرسا ياكى قاتتىق چارچاۋەرسە سوزۇلما خاراكتېرلىك چارچاش كېلىپ چىقىدۇ. بۇنىڭدىن ساقلىنىش تەس، ھەم بۇنىڭ بىلەن ئوڭاي كىسەلگە گېرىپتار بولىدۇ. مەسىلەن، نېرۋا ئاجىزلىقى، يۈرەك سوقۇشىنىڭ تەكشى بولماسلىقى قاتارلىقلار. ئومۇمەن، قاراشلارغا ئاساسلانغاندا ھارغىنلىق كىشىنىڭ جىسمانىي كۈچىنىڭ خورىشىغا مۇناسىۋەتلىك بولغاندىن باشقا، ئاساسەن چوڭ مېڭە پوستلىقىدىكى ئىچكى تورمۇزلىنىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. تەسىر مىقدارى چوڭ مېڭىنىڭ قوبۇل قىلىش دەرىجىسىدىن ئېشىپ كەتكەندە، قوغراش ئەھمىيىتىگە ئىگە چەكتىن ئاشقان تورمۇزلىنىش پەيدا بولىدۇ. مانا بۇ چاغدا كىشىلەردە ھارغىنلىق ئىپادىلىنىدۇ.
ئۇنىۋېرسال
(ئى)
pí juàn ,pí fá ,pí láo pí láo
疲倦,疲乏,疲劳
مائارىپ,تەنتەربىيە
疲劳
pí láoDئۇنىۋېرسال
辛劳
xīn láoDيېزىق - باسما
疲劳程度
pí láo chéng dùDئۇنىۋېرسال
委顿
wěi dùn