Uyghurئاساسىي لۇغەت
ھارامزادە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
نىكاھسىز تۇغۇلغان.
ئۇ ھارىمىنىڭ ئاغزىنى بېسىڭلار، - دېدى ھۆرنىساخان. ئۇ ھارامزادە ئاخىر بىۋاپالىق قىلدى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھىيلە مىكىرگە ئۇستا، يامان يوللار بىلەن كىشىنى ئالدايدىغان، يارىماس كىشى.
تۈلكە ھىيلىگەر بولسىمۇ، تېرىسى دۇكاندا ئېسىقلىق. ھىيلىگەر ئۆزىنى ئۆزى ئالدايدۇ. ئىت ئەلا ئېرۇر ھەر دۇ مازاردىن، كىشىلەرنى ئالدىغۇچى مەككاردىن. ئون تازنىڭ توققۇزى ھەييار، ئون سوقۇرنىڭ توققۇزى مەككار. غەر غەرەزچى كېلەر، ئوغرى ئاسماقچى. مۇغەمبەر كاسىپنىڭ تىلىكى كور خېرىدار. تادان تۈلكە تۇمشۇقىدىن ئىلىنەر. ئوغرى يولدىن ئالىدۇ، لولى قولدىن. لولىنىڭ ئېتىنى سۇغار، پۇلىنى ئال. قۇۋنىڭ كۆزى يۇمۇق، قۇلىقى پۈتۈك. نەيرەڭۋازنىڭ تىلى ئەگمەك. ھارامزادە ياۋاشنى قاقشىتىدۇ، ياماندىن قورقىدۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
قۇۋلۇق - شۇملۇقتا ئۇستا، يالغانچىلىق بىلەن كىشىنى ئالدايدىغان، دىلى قارا.
ساددا، گول، ئاق كۆڭۈل، كۆڭۈلچەك
تۈز، قۇۋلۇق - شۇملۇقنى بىلمەيدىغان، دىلى ئاق، ئالدامچىلىق قىلمايدىغان.
ساددا ساختىپەزلىك قىلماس. گول ئادەم زىيان تارتسىمۇ قۇۋ كىشىدىن ياخشى. ئاق كۆڭۈلنىڭ ئېتى ھارماس، كىيىمى توزۇماس. كۆڭۈلچەكنىڭ كۆتى ئوچۇق. ھىيلىگەردىن تۇخۇم ئالساڭ ئىچىدىن سېرىقى چىقماس. مەككاردىن ئىت ياخشى. ئون تازنى توققۇزى ھەييار، ئوق سوقۇرنىڭ توققۇزى مەككار. مۇغەمبەر كاسىپنىڭ تىلىكى كور خېرىدار. قۇۋ تۈلكىنى كۈچۈك بىلەن تۇتقىلى بولماس. لولا قولدىن ئالىدۇ، ئوغرى يولدىن. نەيرەڭۋازنىڭ تىلى ئىلمەك. ھارامزادىنىڭ ئارغامچىسى بىلەن قۇدۇققا چۈشمە. تادان تۈلكە تۇمشۇقىدىن ئىلىنەر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. ئۆزئارا نىكاھ قىلىنمىغان ئەر ۋە ئايالدىن تۇغۇلغان بالا.
مەيمۇنە چىن قىز شەمھۇرەش ئوغلى دەھنەش دېۋىگە قاراپ: <پەس ھارامزادىلەرنىڭ ئىپلاس نەسلى!> دەپ تىل ساپتۇ.
سۈپ. كۆچمە. قۇۋ، ھىيلىگەر، مەككار، ئالدامچى.
خوجايىنىمىز ئۆتۈپ كەتكەن مۇتتەھەم، ھارامزادە ئادەم ئىكەن.