Uyghurئاساسىي لۇغەت
ھارام
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىسلام دىنىدا يېيىشكە، ئىچىشكە، قىلىشقا رۇخسەت قىلىنمىغان ئىش - ھەركەت.
تاماكا - ھارام. ھالالدىن توخۇ، ھارامدىن مۈشۈكۈم يوق. بوزا - مەكرۇ. ھالالغا يۈگۈر، مەكرۇدىن قاچ.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى <چەكلەنگەن> دېگەنلىك بولۇپ، شەرىئەتكە خىلاپ ھەم چەكلەنگەن ۋە جازالىنىدىغان ھەرىكەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئىسلام دىنىدىكى بەش خىل ھەرىكەت قائىدىسىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئەرەبچە
<دىن> شەرىئەت ھۆكمىگە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان، شەرىئەتتە يېيىش - ئىچىش چەكلەنگەن، ھالال ئەمەس.
غالجىر خۇدانى بىلمەس، ئىت ھارامنى (ماقال).
نورمال، ئېھتىياجلىق بولمىغان، زۆرۈرىيىتى، كېرىكى يوق.
ھارام شاخ. ھارام پۇتاق.
كۆچمە. چىقىش كېلىش قوشۇمچىسى بىلەن كېلىپ <نىكاھسىز، قانۇنسىز> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
ھارامدىن تۇغۇلغان.
كۆچمە. باشقىلارنى ئالداش ئارقىلىق قولغا كىرگۈزۈلگەن، مېھنەت سىڭدۈرۈلمىگەن.
ھارام مال. ھارام پۇل. ھارام ئوقەت.