Uyghurئاساسىي لۇغەت
ھاكاۋۇر
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۆزىنى قالتىس چاغلاپ، باشقىلارنى كۆزگە ئىلمايدىغان.
تەكەببۇر يالجىماس، يالىڭاچ ئىسسىماس. ھاكاۋۇردا ھايا يوق. داخىڭگەيگە دار پەرز . تەكەببۇر، ھاكاۋۇر، داخىڭگەيلەرگە تەكەببۇرلۇق قىل، ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ دېگەن شۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىغان، باشقىلارنى كۆزگە ئىلمايدىغان، خورىكى يوغان.
كىچىك پېئىل، كەمتەر
ئۆزىنى كىچىك تۇتىدىغان، ئۆزىگە تەمەننا قويمايدىغان، باشقىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان.
كىچىك پېئىل بولساڭ كىچىكلەپ كەتمەيسەن. كەمتەر بولساڭ ئۇزارسەن، مەغرۇر بولساڭ غۇلارسەن. تەكەببۇر يالجىماس، يالىڭاچ ئىسسىماس. ھاكاۋۇر ھاڭۋاقتى كېلىدۇ. گەدەنكەش ئاخىر گەدىنىنى قاشلاپ قالىدۇ. مەنمەنچىنى مەنسىتمىسەڭ، تۈزۈلۈپ قالىدۇ. يوغانچىنى يوناپ تۇر. چوڭچى چويلىدا توختىمايدىغان گەپكە ئۇستا كېلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئەرەبچە
باشقىلارنى كۆزگە ئىلمايدىغان، ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىغان، دىمىغى ئۈستۈن؛ مەنمەنچى، تەكەببۇر.
ھاكاۋۇر قىز. ھاكاۋۇر بالا.