Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
哈康二世
دۇنيا تارىخى
ھاكىم Ⅱ
(؟ - 976) كوردوۋا خەلىپىلىكىنىڭ ھۆكۈمرانى (961 - 976). تەختتىكى مەزگىللىرى شىمالدىكى خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇششاق دۆلەتلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، ئۇلارنى سۈلھ قىلىشقا مەجبۇرلىغان. مىلدى 974-يىلى مەغرىبتىكى ئىدرىس سۇلالىسىنى يوقاتقان، ئىلىم ۋە مەدەنيەتنى راۋاجلاندۇرغان، مۇكاپاتلىغان. كوردوۋا داشۆسىنى كېڭەيتىپ، شەرقتىن كۆپلىگەن ئالىملارنى دەرس ئۆتۈشكە تەكلىپ قىلىپ، مەزكۇر مەكتەپنى دۇنياغا مەشھۇر بىلىم يۇرتىغا ئايلاندۇرغان. مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەقسىز ئوقۇتىدىغان مەكتەپلەردىن 27 نى سالدۇرغان. كىتاب ساقلاشقا ئامراق بولۇپ، ھەرقايسى جايلارغا ئادەم ئەۋەتىپ تۈرلۈك كىتابلاردىن 40 مىڭ پارچىنى ئەكەلدۈرۈپ، كوردوۋا كۇتۇبخانىسىدا ساقلىغان. كۆرگەن كىتابلىرى ناھايىتى كۆپ، بىلىم دائىرىسى كەڭ، بەزى قول يازمىلارغا ئىزاھ يازغان، كېيىنكى ئالىملار ئۇنىڭ ئىزاھلىرىغا يۈكسەك باھا بەرگەن.