Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
海峡殖民地
دۇنيا تارىخى
دېڭىز بوغۇزىدىكى مۇستەملىكىلەر
ئەنگلىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى مۇستەملىكلىرى. 1786-يىلى ئەنگلىيە شەرقىي ھىندىستان شىركىتى كېتا سۇلتانلىقىدىن پىناڭنى ئىشغال قىلىۋالغان (1791-يىلى رەسمىي بۆلۈۋالغان)، 1800-يىلى يەنە ئۇنىڭ قارشى تەرىپىدىكى كېتا دېڭىز قىرغىقىدىن نۇرغۇن يەرنى ئېلىۋېلىپ، ئۇنى ۋېللېسلېي ئۆلكىسى دەپ ئاتىغان. 1805-يىلى پىناڭ (جۈملىدىن ۋېللېسلېي ئۆلكىسى) شەرقىي ھىندىستان شىركىتىنىڭ تۆتىنچى چوڭ باشقۇرۇش رايونى قىلىنغان. 1824-يىلى شەرقىي ھىندىستان شىركىتى يەنە سىنگاپور بىلەن مالاككاغا ئىگە بولۇۋالغان، 1826-يىلى ئۇنى پىناڭ باشقۇرۇش رايونى بىلەن قوشۇپ دېڭىز بوغۇزى مۇستەملىكىسى قىلىۋالغان. 1830-يىلى دېڭىز بوغۇزى مۇستەملىكىسى بېنگال باش ۋالىيىسى باشقۇرۇشىدىكى ئەمەلدار قويۇپ باشقۇرىدىغان رايون قىلىنغان، 1851-يىلى ئەنگلىيە - ھىندىستان باش ۋالىيسىغا قارايدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 1867-ئەنگلىيە خان جەمەتى بىۋاسىتە باشقۇرىدىغان مۇستەملىكە قىلىنغان. پايتەختى ئەسلىدە پىناڭدا بولغان. 1832-يىلى سىنگاپورغا كۆچۈرۈلگەن، ئۇنى باش ۋالىي باشقۇرغان ئۇنىڭ قول ئاستىدا مەمۇرىي يىغىن ۋە قانۇن تۈزۈش يىغىنى تەسىس قىلىنغان؛ باش ۋالىي قوشۇمچە باش قوماندان بولغان ھەمدە پۈتكۈل ئەنگلىيە ئىشلىرى رەھبەرلىكىدە بولغان. كېيىن كوكوس تاقىم ئارىلى، خرىستاس ئارىلى، لابوئان ئارىلىنى قوشۇۋالغان. ئىككىچنى دۇنيا ئۇرۇشىدا ياپونىيە ئىشغال قىلىۋالغان. 1946-يىلى پارچىلانغان. سىنگاپور ئۆز ئالدىغا ئەنگلىەي پادىشاھلىقىغا بىۋاسىتە قاراشلىق مۇستەملىكە بولغان. 1963-يىلى مالاياغا تەۋە بلغان. 1965-يىلى مۇستەقىل بولۇپ قالغان؛ لابۇئان ئارىلى شىمالىي بورنېئو شتاتى (ھازىرقى ساباھ) غا تەۋە بوغان. كوكوس تاقىم ئارىلى ۋە خرىستان ئارىلى ئىلەىرى - كېىن بولۇپ ئاۋسترالىيىگە تەۋە بولغان.