Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
海湾阿拉伯国家合作委员会
دۇنيا تارىخى
دېڭىز قولتۇقىدىكى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتى
قىسقارتىلىپ <دېڭىز قولتۇقى ھەمكارلىق كومىتېتى> دەپ ئاتىلىدۇ. پارىس قولتۇقى رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ رايون خاراكتېرىك خەلقئارا تەشكىلاتى. 1980-يىلى 5-ئايدا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئومان، بەھرەيىن، قاتار، كۈۋەيت، سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق ئالتە دۆلەتنىڭ باشلىقلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ نىزامنامىسىنى ئىمزالاپ، قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان. ئاساسىي پائالىيىتى: ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي بىر گەۋدە قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ مالىيە، سودا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش؛ نېفىت سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇش؛ ھەربىي جەھەتتە زىچ ھەمكارلىشىش؛ مەدەنىيەت ساھەسىدىكى ماسلىشىشنى كۈچەيتىش، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرىدىن تەركىب تاپقان ئالىي مۇدىرىيەت ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگان، ئۇنىڭدن باشقا مىنىستىرلار مۇدىرىيىتى ۋە باش كاتىبات باشقارمىسى تەسىس قىلىنغان. با ئاپپاراتى سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى رىيادتا.