Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
海涅
دۇنيا تارىخى
ھېينې
(1797 - 1856) گېرمانىيىلىك شائىر، سىياسىي ئوبزورچى، ئىنقىلابىي دېموكرات. يەھۇدىي سودىگىرى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. دەسلەپكى ۋاقىتلاردا سودا دۇكىنىدا شاگىرت بولغان. 1819 - يىلدىن تارتىپ ئىلگىرى - كېيىن بونن، بېرلىن، گوتتېنگېن قاتارلىق داشۆلەردە قانۇن ئوقۇغان، 1825 - يىلى قانۇنشۇناسلىق دوكتورى بولغان. 1827 - يىلى <ناخشىلار توپلىمى> نى ئېلان قىلغان. ئۇلار رومانتىك تۈستە مىللىي ئۇسلۇب بىلەن يېزىلغان. 1824 - 1828 - يىللىرى <خارتېس تېغىغا زىيارەت>، <ئەنگلىيىگە قىلىنغان ساياھەتتىن پارچىلار> دېگەنگە ئوخشاش ئېسىل نەسرىي شېئىرلارنى يازغان، ئۇنىڭدا شۇ چاغدىكى ياۋروپادىكى رېئال جەمئىيەتنى ھەجۋىي سۆزلەر بىلەن تەسۋىرلەپ بەرگەن. 1830 - يىلى فرانسىيىدىكى ئىيۇل ئىنقىلابىنىڭ تەسىرى ئارقىسىدا، ئىنقىلابىي شېئىر ئىجادىيىتىگە كىرىشىپ، مەملىكەت ئىچىدىكى ئەكسىيەتچى كۈچلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان، 1831 - يىلىدىن تارتىپ پارىژدا ئولتۇراقلاشقان. 1833 - يىلى <رومانتىكلار ھەققىدە> نى يېزىپ، ⅨⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا گېرمانىيە ئەدەبىيات مۇنبىرىدە ئەۋج ئالغان ئەكسىيەتچىل رومانتىزمنى پاش قىلغان. 1834 - يىلى <گېرمانىيىنىڭ دىنىي ۋە پەلسەپە تارىخى ھەققىدە> نى يېزىپ، چوڭقۇر پەلسەپە ئىدىيىسى ۋە سىياسىي يىراقنى كۆرەرلىكىنى ئىپادىلىگەن. 1835 - يىلى گېرمانىيە فېدېراتىپ پارلامېنتى ھېينى ئەسەرلىرىنىڭ مەملىكەت ئىچىدە تارقىتىلىشىنى مەنئىي قىلىشنى قارار قىلغان. 3184 - يىلى ماركس بىلەن تونۇشقان ھەمدە ئۇنىڭ تەسىرى ئارقىسىدا <دەۋر ناخشىسى> دېگەن سىياسىي شېئىرلار توپلىمىنى يېزىپ، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان پرولېتارىياتنىڭ ئويغىنىشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن، ئۇنىڭ ئىچىدە <سىلېزىيە توقۇمىچىلىق ئىشچىلىرى> دېگىنى ئەڭ داڭلىق بولۇپ، ئېنگېلس ئۇنى <ئەڭ كۈچلۈك شېئىرلارنى بىرى> دېگەن. شۇ يىلى 10 - ئايدا <گېرمانىيىدە بىر قىش كۈنى ھەققىدە چۆچەك> دېگەن سىياسىي ھەجۋىي داستانىنى يېزىپ، پرۇسسىيە فېئودال خاندانلىقىنىڭ ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىقىنى قامچىلىقغان. ئېزىلگۈچى ئاممىنى قوزغىلىشقا چاقىرغان. 1845 - يىلدىن كېيىن، سالامەتلىكى كۈندىن - كۈنگە ناچارلىشىپ، ئاخىرى پۈتۈنلەي پالەچ بولۇپ قالغان. 1848 - يىلدىكى ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدىكى ئەسەرلىرىدە گاڭگىراپ ئىچى پۇشقانلىق كەيپىياتىنى ئاندا - ساندا ئاشكارىلاپ قويغان.
ئىستېتىكا
hǎi niè
گېنرىخ گېيىنى (1856 - 1797)، گېرمانىيىلىك ئىنقىلابىي دېموكراتىزمچى شائىر.Dجامائەت خەۋپسىزلىكى
hǎi niè
دېڭىز پاتقىقى