Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
海明威
دۇنيا تارىخى
ھېمىڭۋاي
(1899 - 1961) ئامېرىكىلىق يازغۇچى. يېزا - قىشلاق دوختۇرى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا يېزىقچىلىققا كىرىشكەن، مۇخبىر بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، فرانسىيە ۋە ئىتالىيىدە جەڭ مەيدانىدا سانىتار بولغان ھەم ئېغىر يارىدار بولغان. ئۇرۇشتىن كېيىن پارىژدا مۇھاجىر بولۇپ تۇرغان. 1926 - يىلى <قۇياشمۇ كۆتۈرۈلدى> دېگەن ورمانى ئېلان قىلىنىش بىلەن داڭق چىقارغان. ئۇنىڭدا بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئۇرۇش ئازابىنى چەككەن كىشىلەرنىڭ چۈشكۈن كەيپىياتى تەسۋىرلەنگەن، ئۇرۇشقا قارشى ئاڭ ئىپادىلەنگەن. 1936 - 1939 - يىللىرى ئىسپانىيە خەلقىنىڭ فاشىستلارغا قارشى ئۇرۇشىغا قاتناشقان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا ئۈمىدسىزلىك كەيپىياتىنى ئاشكارىلىغان. 1961 - يىلى ئۆلۈۋالغان. ئۇنىڭ <خەير - خوش، قورال>، <بەشىنچى كالوننا>، <جەڭ مەيدانىدىكى قوڭغۇراق ئاۋازى> دېگەن ئەسەرلىرى، <دەريادىن ئۆتۈپ ئورمانلىققا كىرىش>، <بوۋاي بىلەن دېڭىز> دېگەنگە ئوخشاش پوۋېستى بار. 1954 - يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئىگە بولغان.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
hǎi míng wēi
خېمىنگۋاي